باش بەت>>ئەدەبىيات
كۈندە 10 ماقال-تەمسىل
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-21 13:19:33

ئات ئۆلسە ئىتنىڭ تويى بولار
مەنىسى: ياخشى ئادەمگە كۆڭۈلسىزلىك كەلسە، يامان ئادەمنىڭ خوشال بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ

ئاچ ئىتقا بەرسەڭ، توق ئىت خىرقىرار
مەنىسى: نامراتقا ياردەم بەرسەڭ، باينىڭ كۆزى قىزارغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاختاملىقنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى (يامان)
مەنىسى: ئاياللارنىڭ تالاغا ئامراق بولىشىنىڭ يامان ئىللەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاتالماس ئوقىدىن كۆرىدۇ، چىچالماس پوقىدىن (كۆرىدۇ)
مەنىسى:ئۆزىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى ئۈچۈن باشقىلاردىن ئاغرىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئاتىسى بولۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق، ئانىسى بولۇشقاقنىڭ قىزى يىغلاڭغۇ
مەنىسى: ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى بەك ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلاپ، خاتا قىلمىشلىرىغا يول قويۇۋەرسە، پەزەنتلەردە يامان ئىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ قالىدىغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچكۈزدە كېكىردىم
مەنىسى: ئشىنى قىلپ بولۇپ، ۋاقتى ئۆتكەندىن كىيىن بۇشايمان يېيىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەسكى تامدا قۇچقاچ تولا. نامراتقا پۇتلاش(تولا)
مەنىسى: ئادەم نامرات بولغانسىرى ئۇچرايدىغان ئاۋارىگەرچىلىكلەرنىڭمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەسكى تۇماققا سېسىق كاللا خېرىدار
مەنىسى: ھەر قانداق ئەسكى ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا دوستى ياكى ھەمراھى بولىدۇ دېگەنلىك.

ئەقىلسىزنىڭ پەمى يوق، ئۆتىكىنىڭ چەمى(يوق)
پەم-پاراسىتى يوق ئادەمنىڭ ئىشىمۇ ئىلگىرى باسمايدۇ دېگەنلىك

ئەمىلى يوق سوپىدىن، تۇخۇمى يوق توخۇ ياخشى
مەنىسى: خەقكە نەپ بەرمەيدىغان ئادەمنىڭ كىرەكسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق