باش بەت>>ئەدەبىيات
كۈندە 10 ماقال-تەمسىل 01
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-22 10:28:36

 

ئارغامچىنىڭ پۇلى تۇرۇپ تۇرسۇن، كۇلامنىڭ پۇلىنى بەر
مەنىسى:باشقىلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ تۇرۇپ يەنە رازى بولماقتا يوق، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئازغىنە ياردىمىنى پەش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەر
مەنىسى: ئىش قىلغاندا كەسكىن بولمىسا ئاقىۋەتتە زىيان تارتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما
مەنىسى: ئۆي تۇتقاندا ساداقەتمەن بولۇش، قالايمىقان ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئائىلىنى ۋەيران قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.

ئالتە تەڭگەم بار ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار قىز ئالىمەن
مەنىسى: ھە دېسە ئىشقا ئاشمايدىغان، ھېسابقا توشمايدىغان خىياللارنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئالتە ئاي ئاتقان پاختا بىر چاپانغا يەتمەپتۇ
مەنىسى:بىھۇدە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈمىنى كۆرەلمەسلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنۇڭنى يارار
مەنىسى:ناتوغرا ئىش قىلسا زىيىنىنى ئۆزى تارتىپ قالىدۇ دېگەنلىك

ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق
مەنىسى: قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە بابلاشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالۋاڭنىڭ كۈلكىسى(چىقار)
مەنىسى: ئەلنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پەرۋاسىز يۈرىدىغان ھاماقەت ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئەستەر چاپانغا مەشۇت ياقا، مايماق ئېشەككە ئالتۇن تاقا
مەنىسى:ئۆز ھالىغا باقماي ھەشەمەتخورلۇق ۋە سۆلەتۋازلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەسكى جاڭگالنىڭ تۈلكىسى كۆپ، تەخسىكەشنىڭ كۈلكىسى(كۆپ)
مەنىسى:پەسكەش خۇشامەتچىلەرگە قارىتىلغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق