باش بەت>>ئەدەبىيات
كۈندە 10 ماقال-تەمسىل 02
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-25 11:02:12

 

ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق

پەرزەنتلىرىنىڭ ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە ئاتا-ئانىسىنى دوراپ چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، قەھرىتاندا كالتە چاپان

مەنىسى:كىيىنىشتە پەسىلگە قاراش، ئەمەلىيەتكە ماسلاشمىغان ئىش قىلماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىرىغاندا ئېرى خوتۇنىغا تازىم قىپتۇ

ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىش قىلىپ، مەقسىتىگە يېتەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.

ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا

مەنىسى:خەقتىن ئالغاندا ياخشى ئېلىپ، بەرگەندە خاپا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

«ئاھ» دېسە ئۆپكىسى كۆرۈنەر

مەنىسى: بەك نامراتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەجىلى پۈتكەن قاغا قارچىغا بىلەن ئوينار

مەنىسى: ئادەمنى پالاكەت باسقاندا رەقىبى بىلەن بىرگە بولۇپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەشمىدە قىشلاپ، پوسكامدا يازلاپ

مەنىسى: ئىش قىلغاندا بىپەرۋالىق قىلىش، ئىشنى ۋاقتىدا پۈتكۈزمەي بېشى قايغان يەرلەردە يۈرۈش دېگەنلىك .

ئەر قېرىسا قىز ئالار، قىز قېرىسا كىم ئالار

مەنىسى: قىز بالىنىڭ ۋاقتىدا ياتلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەما مەككە چامغۇرنى «تۇخۇم» دەرمىش، توكۇر «ھەممىنى قىلغان پۇتۇم» دەرمىش

مەنىسى: يامان ئىشنى قىلىپ بولۇپ يەنە ئۆزىدىن كۆرمەي، جاۋابكارلىقىدىن قېچىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەخمەققە قىز كۆرسەتمە، موزايغا سۈت

مەنىسى: ھاماقەت ئادەمگە بىر ئىشنىڭ يولىنى كۆرسەتسەڭ بالاغا قالىسەن، دېگەنلىك

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق