باش بەت>>ئەدەبىيات
كۈندە 10 ماقال-تەمسىل 03
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-27 10:01:23

ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى

مەنىسى: كېيىنكىلەرنىڭ بۇرۇنقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە(ماختا)

ھەر قانداق خۇلاسىنى ئىش تۈگىگەندە ئەمەلىي نەتىجىگە قاراپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئاشقان-تاشقان بارات تازنىڭ

مەنىسى: كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ياخشىلىققا ئاتىقى بار كىشىلەرنىڭ ئېرىشىۋېلىپ، جاپا تارتقان بىچارىلەرنىڭ تۈزۈككىنە بىر نەرسىگە ئېرىشەلمەي بىر چەتتە قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق

مەنىسى:ئىككى يۈزلىمىلىكنى كۆرسىتىدۇ.

ئابدال يامانلىسا خۇرجۇنىغا زىيان، يەڭگەم يامانلىسا ئاكامغا(زىيان)

مەنىسى:بىرەر ئىشتا ئورۇنسىز يامانلاپ ئىشى ئاقسىتىپ قويسا ئۆزىگە زىيان بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە قوتانغا زەدىۋال تارتار

مەنىسى: ئۆزىنى بىلمەيدىغان ئادەم مەنسەپ مەرتىۋىگە ئىگە بولۇپ قالسا، ھەممە ئىشنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ دېگەنلىك.

ئەمىتاخۇن چۈشكۈرۈپ قويسا، مەمىتاخۇن زۇكامداپتۇ

مەنىسى: بىراۋنىڭ ناچار قىلىقىنى دورايمەن دەپ ئاشۇرۇۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەخمەق ئۆتۈكنىڭ تېشىدىن قاشلار

مەنىسى: ئەخمەق ئادەمنىڭ ھامان ئەخمىقانە ئىش قىلىدۇ دېگەنلىك.

ئەركىلىتىۋەرسەڭ ئېشەككىمۇ مۈڭگۈز چىقىدۇ

مەنىسى: بىراۋنى بەك ۋاي دەپ، ئىززەتلەپ قويسا ئۆزىنى بىلەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دېسە، بەش تەڭگەمنى بەر دەپتۇ

مەنىسى: چاكىنا ئادەملەرنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق ۋە پەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ .

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق