باش بەت>>ئەدەبىيات
كۈندە 10 ماقال-تەمسىل04
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-28 10:54:16

 

ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە
مەنىسى: پۇقرادىن ئەمەلدارنىڭ، ئىشلەمچىدىن باشقۇرغۇچىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئابرۇي كېلىننىڭ، دۆلەت خېنىمنىڭ
مەنىسى: خوتۇن قىزلاردىكى ھۇرۇنلۇق، تىرىكتاپلىقنى كۆرسىتىدۇ.

ئاتا-ئانام بولسىكەن، ئاغزى-بۇرنى بولمىسىكەن
مەنىسى: پەرزەنتلەردىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ باشقۇرۇشىنى خالىماسلىق خاھىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئات ئارپا يېسە، ئېشەك قۇلاق سالىدۇ
مەنىسى: جەمئىيەتتە ئادەملەرنىڭ ھامان بىر-بىرىگە كۆز-قۇلاق بولۇپ يۈرۈيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاتاڭ گاداي بۆكى تۇماق، ساڭا نىمە يوغان دىماغ
مەنىسى: ھالىغا بېقىپ ئىش قىلىشنى، چوڭچىلىق قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.

باخشىنىڭ كۈنى داپ بىلەن، يالغانچىنىڭ كۈنى لاپ بىلەن
مەنىسى: پوچى ئادەمنىڭ داۋاملىق يالغانچىلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بارىغا پەتە، يوقىغا ئەتە، كېمىنى كەينىدىن ئەۋەتە
مەنىسى، بارغا قانائەت قىلىش، يوق نەرسىنى تەمە قىلماسلىق لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بار چاغدا توق يەپتۇ، يوق چاغدا پوق(يەپتۇ)
مەنىسى: بار چاغدا ئىسراپخورلۇق قىلىپ بۇزۇپ چېچىپ، تۈگىگەندە قىيىن كۈنگە قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

باش بۇزۇلسا تاز بولۇر، پاختا بۇزۇلسا ماز(بولۇر)
مەنىسى: بىر نەرسىنى ياخشى ئاسرىمىسا ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ يارامسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، شۇڭا باشتىن تارتىپ ئۇنى ئاسراش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بالاڭنى قويۇپ بەرسەڭ بېشىڭغا چىچار، چىۋىننى قويۇپ بەرسەڭ ئېشىڭغا(چىچار)
مەنىسى: بالىنى مەيلىگە قويۇۋەتمەي ئوبدان تەربىيەلەش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق