باش بەت>>ئەدەبىيات
بىلەلمىدىم
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-12 17:07:13

 

ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش

 

قارىغانچە كېلەر تويماي قارىغۇم،

ئاي نۇرىدەك ئاق، مېھىرلىك ھۆسنۈڭگە.

سىماب ئوخشاش ئېرىپ كېتەر ۋۇجۇدۇم،

كۆزۈم چۈشسە غۇنچە بويۇڭ-بەستىڭگە.

 

ساڭا بولغان تەلپۈنۈشنى كۈچەيتەر،

قارلىغاچنىڭ قانىتىدەك قاشلىرىڭ.

خىيالىمنى چىرمىۋالار قاچۇرماي،

ساڭا ھۆسىن قوشقان قۇندۇز چاچلىرىڭ.

 

گۈزەللىكىڭ يوقاتقاچقا ئەقلىمنى،

بىلەلمىدىم كۆكتىمۇ سەن يەردىمۇ؟

ئېيتقىنا قىز، گۈزەللىكنى، مېھىرنى،

سېخىي ئالەم بىرلا ساڭا بەردىمۇ؟

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق