باش بەت>>ئەدەبىيات
قىزلار كۆڭلى گويا بىر قۇش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-12 16:50:53

 

ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش

 

سۆيگۈ دېگەن ئازابلىق بىر ئىش،

ئۆتۈپ كەتكەن شېرىن چۈش كەبى.

چۆكەلمىدىم كۆزلىرىڭگە ھېچ،

بولمىساڭمۇ سەن ئانچە سەبى.

 

قىز خىيالى قاناتسىز بىر قۇش،

قونار شاخقا گاھى ئويلىماي.

قونداق بولغان شاخنىڭ شادلىقى،

ئازابلارغا قالار بويلىماي.

 

يۈرىكىمنى قالدۇڭمۇ سۆيۈپ،

ياكى سېنى قىلدىممۇ ئەسىر؟!

تاتلىق ھېستا ئىللىغان پەسىل،

بېرەر كېيىن بۇ ئىشقا تەدبىر.

 

سۆزۈم قوپال دېھقان قولىدەك،

سىپايىلىك مىجەزىمگە يات.

قالارمەنمۇ پۈتمەس ئازابقا،

كۆڭلىمىزنى قىلساق بىر دەم شات.

 

گۈل ھۆسنىدەك بىغۇبار چېھرىڭ،

مېھرى ئوتلۇق ساددا مەلىكەم.

ئۆتۈپ كەتمەي ئۆتكۈنچى كۈيدەك،

ئىز قالدۇرغىن يۈرەكتە مەھكەم.

 

سۆيمەي تۇرۇپ كۆڭۈلنى ئالداش،

يىگىت ئۈچۈن ئازابتۇر، ئازاب.

يۈرىكىمنى چۈشەنسەڭ راستتىن،

سۆيگەن دىلغا كەت مەڭگۈ ئورناپ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق