باش بەت>>ئەدەبىيات
تەپەككۇر جەۋھەرلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-12 17:44:10

 

* ئۇتۇق — ئۇيقۇ، ئۇيۇن-تاماشانى تەرك قىلىش بەدىلىگە كېلىدىغان شان-شەرەپ.

* ئۈمىد — چۈشكۈنلۈك ۋە ئازابنىڭ بىردىنبىر رەقىبى، قىشتا پارلىغان قۇياش، تومۇز ئىسسىقتا ياغقان قار.

* قەتئىيلىك — توسقۇنلۇقنى ھوشسىزلاندۇرىدىغان ئەڭ زور كۈچ.

* ئۈمىدسىزلىك — ئۈمىدنىڭ يارىدار قىياپىتى، قۇياشسىز سەھەر.

* سەرەڭگە — ئۆزى كىچىك، ئەمما ئاسماننى ئىس-تۈتەككە توشقۇزىدۇ.

* تۇز — يەككە ئىستېمال قىلغىلى بولمايدىغان يېمەكلىك.

* ئىت — سەمىمىيلىكتە بەزى ئادەملەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھايۋان.

* سودىگەر — باج تۆلەشكە ئەڭ قېرىق ئادەم.

* ئاسار-ئەتىقە سودىگىرى — كونا نەرسىلەرنى قەدىرلىگۈچى.

* مۇخبىر — يېڭى نەرسىلەرنى ئىزدىگۈچى.

* گۇمان — يۈرەكتىكى تۇمان، بەختلىك ئائىلىنىڭ قەبرىگاھى.

* كۆز يېشى — پۇشايماننىڭ ساڭا تۇتقان بىر قەدەھ شارابى.

* رىقابەت — دەۋر ياشلىرىغا تاشلانغان كىملىك.

* كىرئالغۇ — ئىشچان خوتۇننى ھورۇنلاشتۇرىدىغان زامانىۋى ئۆي سايمىنى.

* كىيىم-كېچەك — بەدەندىكى نۇقساننى ياپقۇچى.

* كۈتۈش — ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئاستا ئۆتىدىغان مەزگىلى.

 

ئادالەت ئوسمان تەييارلىغان

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق