باش بەت>>ئەدەبىيات
گىردە نان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-12 17:55:21

 

ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش

 

تاۋلىنىپ پىشقاچ تونۇردا قىز مەڭزىدەك ئۇز، گىردە نان،

جىلۋە ئەيلەيسەن كۈلۈپ گوياكى يۇلتۇز، گىردە نان.

 

كىمكى تىكسە ساڭا كۆز تارتىسەن دىل مېھرىنى،

نازۇ نېمەتلەر ئارا يېگانە-يالغۇز، گىردە نان.

 

داستىخاننىڭ ھۆرمىتى ئاشقاي قەدىر-قىممەت تېپىپ،

كۆرسە ھەر جان سېنى ھەر چاغ،كېچە-كۈندۈز،گىردە نان.

 

كىم سەپەر قىلسا ئۆزۈڭ ھەمراھ بولۇپ ماڭغاچقا بىر،

ئىشلىرى بولغاي ئوڭۇشلۇق، يوللىرى تۈز، گىردە نان.

 

ئۆتمىگەي بىر كۈنمۇ سەنسىز ھېچ كىشىنىڭ كۈنلىرى،

مەڭگۈ مېھنەت ئەھلىگە نۇسرەتنى تۇتقۇز، گىردە نان.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق