باش بەت>>ئەدەبىيات
كۈندە 10 ماقال-تەمسىل 12
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-13 11:32:16

 

تاپالىساڭ ھالال يە، تاپالمىساڭ شامال

مەنىسى:جاپا-مۇشەققەتكە باش  ئەگمەسلىك،كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.

تاز بىلەن تاز تارغاق تالىشىپتۇ

مەنىسى: ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز  ئىشلار  ئۈچۈن خەق بىلەن تاكاللىشىش، ئۇرۇشۇشنى كۆرسىتىدۇ.

تاز تارانغۇچە توي تارقاپتۇ

مەنىسى: ئىش قىلغاندا سۆرەلمىلىك قىلىپ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

تاز تازنى كۆرسە بېشى قىچىشار

مەنىسى: ئوخشاش نۇقسانلىرى ياكى يامان نىيىتى بار ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىدىن خۇدۈكسىرىشىنى كۆرسىتىدۇ.

تاز چىۋىننى قوندۇرماس، چىۋىن تازنى تىندۇرماس

مەنىسى: ئوخشاش نۇقسانلىرى ياكى يامان نىيىتى بار ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ پېيىگە چۈشۈپ يۈرۈيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جېدەلنى باشلىغان لاپچى، ئۇسسۇلنى باشلىغان داپچى

مەنىسى: پو  ئېتىش، يالغان سۆزلەشنىڭ ئاخىرىدا جېدەلگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جىرتاق خوتۇنغا چاپاق ئەر

مەنىسى: كۆپىنچە  ئەھۋاللاردا ناچار ئادەملەرنىڭ تېپىشىپ بىرگە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جاڭگالدا يوقالغان ئېشەكنى ئۆيدىكى مومايدىن سوراپتۇ

مەنىسى: بىرەر يەردە خاپىلىق ياكى زىيان تارتىپ قالسا دەردىنى مۇناسىۋەتسىز  ئادەمدىن  ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ

مەنىسى: ئۆز يۇرتىدا (ئورنىدا) باش كۆتۈرگەن  ئادەمنىڭ يات (باشقا) يەرگە بارغاندا  ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جان چىققاندا «ياسىن»نىڭ نېمە كېرىكى؟

مەنىسى: ئىش  ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، چارىسىنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق