باش بەت>>ئەدەبىيات
كۈندە 10 ماقال-تەمسىل 13
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-14 11:32:26

 

تازغا تارغاق بەرسەڭ، يېلىم تىلەيدۇ

مەنىسى: نەپسانىيەتچى ئادەمنىڭ مەڭگۈ قانائەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تازغا مەنسەپ تەگسە چەللىدە ئات چاپار

مەنىسى: ئىقتىدارسىز ئادەم ئەمەل تۇتسا ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماس

مەنىسى: بىر نەرسىنى پىلانسىز ئېلىپ قويۇپ مۇۋاپىق ئورۇنغا ئىشلىتەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.

تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى كېلەر

مەنىسى: بىراۋنىڭ مۇناسىۋەتلىك گېپىنى ئاڭلىغاندا، نۇقسانى بار يوق ئادەمنىڭ پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، لېكىن نۇقسانى بار ئادەمنىڭ خۇدۈكسىرەپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تازنىڭ كۆزى چاچتا، قىزنىڭ كۆزى قاشتا

مەنىسى: ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئېھتىياجلىق نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كويىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جان كۈندە چېچەكلەمدۇ، قوغۇن كۈندە خەمەكلەمدۇ

مەنىسى: ھاياتنى قەدىرلەش، سالامەتلىكنى ئاسراش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جاپا تارتقانغا توققۇزنى بېرىڭ، يېنى ياتقانغا ئوتتۇزنى

مەنىسى: تەقسىماتتا تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ.

جاپانى ئوڭ قول تارتسا، سول قولى ئۈزۈك ساپتۇ

مەنىسى: يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش.

جاھاننى بۇزغان چېقىمچى، كېلىننى بۇزغان بېقىمچى

مەنىسى: چېقىمچىلىق قىلىشنىڭ پەسكەشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

جەبرائىل جان دەيدۇ، بالىلىرىم نان دەيدۇ

مەنىسى: ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز غېمى بىلەنلا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق