باش بەت>>ئەدەبىيات
كۈندە 10 ماقال-تەمسىل 14
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-15 11:12:50

 

تازنىڭ نېمىسى بار، تۆمۈر تارغىقى

مەنىسى: ئۆزىنىڭ يوقىلاڭ بىر نەرسىسىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ

مەنىسى: جورا تاللىغاندا ياكى بىرەر نەرسىنى تاللىغاندا بەك ئىنچىكىلەپ يۈرۈپ ئاخىرىدا ياخشىسىنى تاللىيالماي ناچىرىنى تاللاپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.

تەلەي كىمدە ــ دوقا ماڭلايدا

مەنىسى: بەزىدە بەخت ياكى پايدىنىڭ كىشىلەر نەزەر سالمايدىغان ئاددىي ئادەملەرگە نېسىپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

توخۇ جاڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال

مەنىسى: ھەممە ئادەمنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز كەسپى ۋە ئۆز مەنپەئەتىنىڭ كويىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

توخۇ قونداققا چىققاندا ھەممىنى ئۇنتار

مەنىسى: بەزىلەرنىڭ كىچىككىنە ئەمەل-مەنسەپكە ئېرىشىپ قالسا، ئەسلىنى ئۇنتۇپ ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

توخۇنى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ، ئۆردەكنى قونداققا

مەنىسى: كىشىنى قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىشقا زورلاپ قىيىن ئەھۋالغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.

تۇڭچى ئامبال چۈشەپتۇ، ئىشتانسىز تامبال چۈشەپتۇ

مەنىسى: ھەممە ئادەمنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز كەسپى ۋە ئۆز مەنپەئەتىنىڭ كويىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جاۋاپخور خوتۇننىڭ ئوتتۇز چىشى بالدۇر چۈشۈپتۇ

مەنىسى: ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە ئاياللارنىڭ يولسىزلىق قىلماسلىقىنى، ئېرى بىلەن ئورۇنسىز تاكاللاشماسلىقى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ .

جۇۋىلىقنى ئۇرساڭ، جۇۋىسىزغا تور كەتتى

مەنىسى: ① بىرەرسىگە تەنبىھ گەپ قىلساڭ، ئوخشاش نۇقسانى بار ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.② بىرەرسىگە گەپ قىلساڭ، مۇناسىۋەتسىز بىرسىنىڭ يولسىز ئارىلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

چاپاق خوتۇننىڭ جىرتاق ئېرى بار، ياغاق ئاتنىڭ مايماق ئىلگىرى (بار)

مەنىسى: ھەرقانداق ئادەم ۋە نەرسىنىڭ ئۆزىگە ماس كەلگەن جۈپتى بولىدۇ دېگەنلىك.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق