باش بەت>>ئەدەبىيات
توغراق
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-04 14:29:57

 

(نەسر)

مەمتېلى ئۇرايىم

 

مەن — توغراق، قۇملۇقتىكى جەڭچى، يېشىللىقنىڭ مۇھاپىزەتچىسى، گۈزەللىكنىڭ ئەلچىسى، يۇلغۇنلار بىلەن چاتقاللار ئەڭ ياخشى دوستۇم. چۈنكى، مەن ئۇلار بىلەن «ئانا تەبىئەت» نى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالغان.

ھەر سەھەر قۇياش كۆتۈرۈلگەندە يېشىل مەرۋايىتتەك يالتىرايمەن. چىڭقى چۈشتە جاھان تونۇردەك قىزىغاندا، قۇشلارنىڭ ئارامگاھىغا ئايلىنىمەن. كەچكى شەپەق ئاستىدا رەڭگارەڭ نۇرلىنىپ، تەبىئەتكە گۈزەللىك بېغىشلايمەن. يوپۇرماقلىرىم ھايۋاناتنىڭ ئوزۇقى، سۈيۈم كېسەللەرگە شىپالىق كەۋسەر.

مەن ئىنتايىن قەيسەر. بوران-چاپقۇنلار قەددىمنى پۈكەلمەيدۇ. قەھرىتان سوغۇق ئىرادەمنى تەۋرىتەلمەيدۇ. مەن قۇرغاق تۇپراقتىمۇ ياپيېشىل ياشىرىپ، بىپايان چۆللەرگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلايمەن.

مەن ئۆز جىسمىمغا ناھايىتى سىرلىق ۋە ئۇزاق تارىخنى مۇجەسسەملىگەن. يۈزۈمدىكى يول-يول سىزىقلار تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى!

مەندىكى شۇ خىسلەتلەرنى ئۆزىڭىزگە دائىم ھەمراھ قىلسىڭىز، كەلگۈسىگە بىمالال يۈزلىنەلەيسىز. ئاشۇ يول-يول سىزىقلارنى ئىجتىھات بىلەن كۆزەتسىڭىز، ئەجدادلىرىڭىزنىڭ شانلىق تارىخىدىن خەۋەردار بولۇپ چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىسىز.

مانا بۇ مەن — چۆل ئەركىسى توغراق.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق