باش بەت>>ئەدەبىيات
قۇياشتەك قايتىمەن كۈندۈزگە يەنە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-05 14:17:25

 

باتۇرجان ئاتاخان

 

تاشلايمەن باغرىڭغا ئۆزۈمنى كۈندە،

قويىمەن چېچىڭغا يۇلتۇزنى تۈگۈپ.

قۇياشتەك قايتىمەن كۈندۈزگە يەنە،

چېھرىمدە تەبەسسۇم، ئىشنى تۈگىتىپ.

 

لىقلىنار كۆزۈمگە، قۇلىقىمغا ھەم،

كۈندۈزنىڭ چۇقانى ھاياتتىن قايتقان.

ئېھتىمال ئاشۇ ئاي كۆكسۈڭدۇر بەلكىم،

چارچىغان روھىمغا ئۆزىنى ياققان.

 

«بودىكىم» دەپ مېنى سۆيىسەن تاتلىق،

ئۆتىمەن مەنمۇ ھەم ئۇيقۇنى يالاپ.

ئىچىڭگە سولىنىپ تاپىدۇ ئارام،

چىڭقالغان بۇ كېچە سەندە ئېغىناپ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق