باش بەت>>ئەدەبىيات
رۇبائىيلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-08 17:29:50

 

ئۇچقۇنجان ئۆمەر

 

تىرىشچان ئادەمگە بەخت يار بولۇر،

كۆڭلىمۇ ئازادە، يوقى بار بولۇر.

ھۇرۇنلۇق جۇۋىسىدا ئۇخلاپ ياتسا كىم،

نۇسرەتتىن يىراقلاپ، ئاجىز، خار بولۇر.

 

ياشلىق ئۇ، ھاياتتا بىر گۈزەل پەسىل،

پەسىللەر ئىچىدە كۆركى بار ئېسىل.

ياشلىقنىڭ تۆھپىسى مۆھۈر باسقاندەك،

قۇم بولماي، تاش بولغىن، بولمايسەن خىجىل.

 

تەن ئامان بولسىلا ھەممە تېپىلار،

كىچىكلەر چوڭ بولۇپ سەپكە قېتىلار.

تېنىڭ يوق، جېنىڭ يوق، مۈلكۈڭ بىر تىيىن،

ئارزۇيۇڭ گۈللىرى قانداق ئېچىلار؟

 

ئىجاد ۋە مېھنەتتىن ياشنايدۇ ئەقىل،

جۇغلانماي توزۇيدۇ، يىغقانچە بېخىل.

بېخىلنىڭ پۇل-مېلى ۋاقىتلىق ھەمراھ،

ئىجادتۇر ئادەمگە مەڭگۈلۈك كېپىل.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق