باش بەت>>ئەدەبىيات
ئۆزۈمگە نەسىھەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-10 12:20:34

 

ھېيتەم ھۈسەيىن

 

يەتمىشكە ئاز قالدىڭ ئەي قېرى نادان،

ھەر ۋاقىت تىلىڭغا سالغىن سەن يۈگەن.

ھۆرمەتتىن يىراقتۇر بەك كۆپ سۆزلىگەن،

سۆزلەشنى بىلمىسەڭ ئاڭلاشنى ئۆگەن.

 

چوڭلارغا تەزىم ئەت، كىچىككە ئىززەت،

يېقىشلىق، كەمتەر بول، ھىممىتىڭ كۆرسەت.

ھەر قاچان ياخشىلىق، ئىناقلىق كۆزلە،

شۇ چاغدا تۈگەيدۇ مىللەتتە ئىللەت.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق