باش بەت>>ئەدەبىيات
ئاتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-11 14:56:46

 

رەشىدەم مۇھەممەتجان

 

سەن بولغاچقا توققۇزىمىز تەل بولدى،

سەن بولغاچقا دۇنيارىمىز باي بولدى.

قىيغىتىشقا ياساپ بەردىڭ باغ ئاتا،

سەن بولغاچقا چۆمۈچىمىز ياغ بولدى.

 

ئۆتتى ئۆمرۈڭ ئېتىز-ئېرىق دالىدا،

تالاي قىش، ياز، باھارىڭنى ئۇزاتتىڭ.

يەرنى، ئەلنى خۇشال ئېتىپ ئەجرىڭدىن،

نى ئەندىشە، مۈشكۈلاتنى يوقاتتىڭ.

 

قاغجىرىغان ۋۇجۇدلارغا سۇ قويۇپ،

بولدۇڭ بالا-چاقاڭ ئۈچۈن بۈيۈك تاغ.

كېلەچەكنىڭ يوللىرىغا نۇر تۆكۈپ،

مېھرىڭ بىلەن كائىناتقا بەردىڭ نۇر.

 

خۇددى مېھرىڭ كەبى يېنىك چايقىلار،

مانا بۈگۈن قارىغاي كەبى قامىتىڭ.

دەيمەن ھەر رەت كۆرگىنىمدە چېھرىڭنى،

ئۇزاق بولسۇن ئۆمرۈڭ ئاتا ھەم بەختىڭ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق