باش بەت>>ئەدەبىيات
دوزىخى بار، جەننىتى بار سۆيگۈنىڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 17:59:47

 

ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات

 

سۆيگۈ دېگەن گاھى ئوتقا باشلايدۇ،

كىرەلەمسەن ھارارەتتىن داجىماي؟

كۆيدۈم دېسەڭ سېنى شاللاپ تاشلايدۇ،

ئۇلىشىسەن ئوتقا، ئوتتىن ئاجرىماي.

 

يالاڭ ئاياغ يۈرگۈزەر گاھ ئېڭىزدا،

ماڭالامسەن ۋايسىماستىن ئۈن چىقماي.

«شۇڭغۇ!» دەپلا ئۈزگۈزىدۇ دېڭىزدا،

چىقالامسەن غەۋۋاس بولۇپ تۇنجۇقماي؟

 

تەسەۋۋۇردىن يىراق ۋىسال گۈلىنى

تاشلايدۇ گاھ قۇچىقىڭغا كۆيگىنىڭ.

ئالمىشىدۇ قىسمەت گويا پەسىلدەك،

دوزىخى بار، جەننىتى بار سۆيگۈنىڭ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق