باش بەت>>ئەدەبىيات
شېئىر يازىمەن ئىلھامغا تولۇپ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:02:51

 

گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

 

كۈتۈشلەرنىڭ خۇمارلىق كۆزى

يۈرىكىمگە ئوت بوپ قويۇلدى.

غېرىبلىقىم ئۇچۇپ يىراققا،

ھەسرەتلىرىم كەتتى، سويۇلدى.

 

پاك ھېسلىرىم مىسرالار ئارا،

شەپەق كەبى چاقنايدۇ كۈلۈپ.

قۇچىقىدا ئاتەش سۆيگۈنىڭ

شېئىر يازىمەن ئىلھامغا تولۇپ.

 

ۋۇجۇدۇمغا تاراملاپ ئاقار،

ئۇنتۇلمىغان سۆيگۈ كەچمىشى.

سەن قېنىمدا ئاقساڭ بىر ئۆمۈر،

پايخان بولار ھىجران تەشۋىشى.

 

ئۆزۈڭ سالغان ئىشق ئوتىنىڭ

ھارارىتى ئۆچمىدى پەقەت.

كاككۇك بىلەن زەينەپتىن قالغان،

ئوتلۇق سۆيگۈ كۆچمەسكەن ئەبەد.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق