باش بەت>>ئەدەبىيات
سېنى كۆرسەم
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:08:35

 

تەلئەت ناسىرى

 

سېنى كۆرسەم بولارمەن ئوق

پىراقىڭ ئۆرتىنىپ تەندە.

يېتەرسەنمۇ بۇ ھالىمغا

رەھىمسىز بىۋاپا بەندە.

 

نىتەي ئەمدى باقالماسمەن

كۆزۈمنى چاقتى نۇر ھۆسنۈڭ،

سۈزۈك تاڭدەك يېنىپ تۇرغاچ،

قۇياشنىڭ خىسلىتى سەندە.

 

قىزارغان ئالمىدەك مەڭزىڭ

يۈرەكنى كۆيدۈرۈپ تاتلىق،

كۆڭۈلنى ئەيلىدىڭ گۈلشەن،

تۈمەن گۈللەر ئۇرۇپ خەندە.

 

ئەسىر ئەت تەننى يا جاننى،

تامارىمنىڭ قوقارى يوق.

ئۇتارمەن ئىختىيارىڭنى

قارارىم باشلىغان جەڭدە.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق