باش بەت>>ئەدەبىيات
ئوتلۇق تۇيغۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:12:31

 

قۇربان ئابلىمىت

 

قىز ھىدى كېلەر گۈللەر ئىپارىدىن،

قولۇمغا ئېسىلغىنى ئىكەن سايەم.

توپىلىق يوللاردەكلا باغرى يۇمشاق،

توڭ سويما، زاغرا نانغا كۆنۈك ئادەم.

 

ئاھ، مېڭىپ يۈرەر يەنە ھايات تېرەن،

قالدۇرۇپ ئەگرى-توقاي يوللاردا ئىز.

شېئىرغا قانماي يۈرەر يوپۇرماقلار،

شاماللار چاچلىرىمنى ئوينار ئۈنسىز.

 

كىشنەيدۇ تىزگىن سېرىپ «چىۋىق ئېتىم»،

ئېھ، ئەتە مېھمان كېلەر «لاي ئۆيۈم» گە.

توي ئېشى ئەتتى ئانام چامغۇر توغراپ،

قۇشلىرىم خەۋەر بەرگىن پەسىللەرگە.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق