باش بەت>>ئەدەبىيات
ئايال يامغۇرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:17:51

 

ياسىنجان ياقۇپ

 

بۇلتۇرمۇ ياغمىغان، بۇ يىلمۇ ئوخشاش،

باغرىمغا، بىر قېتىم ئايال يامغۇرى.

لەۋلىرىم يېرىلىپ كەتتى چاككىدە،

كۆزلەردە پىلىلداپ ھەسرەت ئۇچقۇنى.

 

قەلبىمنىڭ قاغجىراپ تۇرغان يەرلىرى

بىر پارچە شورتاڭلىق ئىدى ئەسلىدە.

بىر ھەۋەس سۆزلەيدۇ سۇسىز قالدىم دەپ،

مىچچىدە ياش تۆكۈپ قۇرغاق پەسلىگە.

 

ئەركەكلىك ۋۇجۇدۇم تىلەك ئەۋجىدە،

تومۇردا قان قاتقان، باغرىم ئوت-كاۋاپ.

ياشىدىم سارغىيىپ كەتكەن ئۈمىدتە،

بۇ غەمكىن كۆڭۈلنى قانغۇدەك ئالداپ.

 

ساقىلى بومبىدەك ئۆسكەن ئادەمنىڭ

ئەتراپى يېلىنجاپ تۇرغان جەزىرە.

ئۇ كۈتكەن سېھىرلىك ئايال يامغۇرى،

ئۇخلايدۇ پەرۋاسىز بۇلۇت كۆكسىدە.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق