باش بەت>>ئەدەبىيات
رۇبائىيلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:21:14

 

يۈسۈپجان بارات (جەۋھىرى)

 

جاھاندا ھەر خىلدۇر ياشاشنىڭ يولى،

ئېچىلۇر مېھنەتتە بەختنىڭ گۈلى.

جاھانغا بىر كەلدىڭ ئوغۇلدەك ياشا،

مۇستەھكەم بېسىلسۇن ھاياتنىڭ ئۇلى.

 

جاندىنمۇ قىممەتتۇر ماڭا ئانا يەر،

ھەر چىمدىم توپىسى گويا زەر، گۆھەر.

چۆللەرمۇ ئايلىنار چىمەنزار باغقا،

شۇ گۆھەر تۇپراققا ئاقسا كۈمۈش تەر.

 

ئادەمگە زور بايلىق تەندىكى ساقلىق،

غۇبارسىز دىللاردا چاقنايدۇ ئاقلىق.

كىشىنىڭ رىزقىغا ئۇزاتمىساڭ قول،

قەلبىڭدە نۇرلىنار ئالتۇندەك پاكلىق.

 

تەمەننا، كىبىردىن ئەيلىگىن ھەزەر،

يىراقنى ئويلىغىن، تاشلىغىن نەزەر.

ئىلىم ۋە ھېكمەتتىن نۇرلانسا دىلىڭ،

دېڭىزنىڭ تەكتىدىن سۈزىسەن گۆھەر.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق