باش بەت>>ئەدەبىيات
ئايرۇپىلان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:27:13

                                                                               

تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق

 

ئاش كۆكى، پىننە ، سامساق سېلىپ ئەتكەن ئۈگرىنىڭ خۇش ھىدى ھويلىنى بىر ئالغانىدى. ئانا ئۈگرىنى چىنىلەرگە ئۇسۇپ، ھەر بىرەيلەننىڭ ئالدىغا بىر چىنىدىن قويدى. بىر ئائىلدىكى ئۈچ جان ھويلىدىكى تال باراڭنىڭ ئاستىدىكى كارۋاتتا ئولتۇرۇپ ھوزۇرلىنىپ ئاش ئىچىشتى. ئاش ئىچىلىپ بولغاندىن كىيىن دۇئا قىلىنىپ داستىخان يىغىلدى. ئانا قازان - قۇمۇشلارنى يۇيۇشقا تۇتۇندى. شۇ چاغدا توك كېتىپ، ئەتراپ خۇددى قازان كۆمتىرىپ قويغاندەك، قاراڭغۇلۇققا چۆمدى. ئاسماندا ئاي تۈگۈل بىرەر تال يۇلتۇزمۇ كۆرۈنمەيتى. بالا ئاتىسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ھېكايە ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى. ئاتا ھېكايىنى باشلىدى. ھېكايە قىزىق يېرىگە كەلگەندە، شەرق ئاسمىنىدا «ۋال–ۋۇل» نۇر كۆرۈندى. نۇر بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. بالا قىزقىپ ئاتىسىدىن سورىدى:

— ئۇ نىمە ئاتا؟

— ئايرۇپىلان، — دەپ جاۋاپ بەردى ئاتا.

— ئايرۇپىلاندا قانداق ئادەملەر ئولتۇرىدۇ؟

— ياخشى ئوقۇغان ئادەملەر.

بالا بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن:

— مەنمۇ ياخشى ئوقۇسام ئايرۇپىلاندا ئولتۇرالامدىم، — دەپ سوردى.

— ئەلۋەتتە!

— ئۇنداق بولسا چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن، — دېدى بالا.

بالا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىزچىل سىنىپ بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي، نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى. ئوتتۇرا مەكتەپتە تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۇستازلىرىنى ھەيران قالدۇرۇپ،  ئەلىيۇلئەلا بولدى. ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرىستىتقا قوبۇل قىلىندى. ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندا ناھىينىڭ ھاكىمى ئۇنى تەبرىكلەپ ئايرۇپىلان بېلىتى ئېلىپ بەردى. ئۇ ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتقا ئايرۇپىلان بىلەن باردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇش ئارزۇسى رىئاللىققا ئايلاندى. كېيىن ئۇ ماگىستىرلىقتا، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇدى. دۆلەتنىڭ نوقتىلىق پەن-تەتقىقات ئورنىغا خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا تەكلىپ قىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ جايلارغا ئايرۇپىلان بىلەن باراتتى. ھەر قېتىم ئايرۇپىلاندا ئولتۇرغاندا دادىسى بىلەن قىلىشقان ھېلىقى پاراڭلار ئېسىگە كېلىپ، ئىختىيارسىز كۈلۈپ قوياتتى.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق