باش بەت>>ئەدەبىيات
ياۋا چېچەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:30:53

 

قۇربان ئابلىمىت

 

بىلىمەن بۇ كۈنلەر ئازابلىق ماڭا،

شېئىرىم يىغلىما قوشاقلار قېتىپ.

نۇرلانغان سايىدەك جىمجىتلىقىمنى،

كەلگەنسەن كېچىدە بەلكىم سېغىنىپ.

 

ھەر بىر تاڭ ھارپىسى تۆكىدۇ شەبنەم،

ياپراقتەك تىترەڭگۈ ئاجىز يۈرەككە.

تىكەندەك سانجىلار ئاپئاق تەبەسسۇم،

بىغۇبار تۇيغۇمغا، چىن گۈزەللىككە.

 

قۇچاقلاپ سۆيىدۇ گۇناھلىرىمنى،

قېنىمنى قىزىتقان ئەرلىك جاسارەت.

تەسەللى بېرىدۇ نەپرەتلىرىمگە،

ئۆزۈمگە قىلىنغان چەكسىز ھاقارەت.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق