باش بەت>>ئەدەبىيات
بادام دوپپا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-28 10:29:42

 

خۇدابەردى ئابدۇللا

 

كۆپكۆك ئاسماندىكى ھىلال ئاينى كۆرسەم بادام دوپپا خىيالىمغا كېلىدۇ. بادام دوپپىغا ھېرىسمەنلىكىمدىن قار - مۇزلار ئېرىپ، ياز كېلىشى بىلەن تېگى تۈن ئاسمىنىدەك قارا، گۈلى قاردەك ئاق بادام دوپپىنى بېشىمدىن ئالغۇم كەلمەيدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى، يېشىمنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ، بادام دوپپا ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. مەن خۇددى چەۋەنداز ئارغىماق، ئوۋچى تايغىنى بىلەن پەخىرلەنگەندەك بادام دوپپام بىلەن پەخىرلىنىمەن، بەزىلەر «بادام دوپپىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈنلەردىلا كىيىپ قويسا بولىدۇ» دېيىشىدۇ، ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈن ئىنسانلارنىڭ تەنتەنە قىلىدىغان خۇشاللىق كۈنى، بۇ كۈنلەردە ئادەم ئەڭ يارىتىدىغان، ئارزۇ قىلىدىغان، ئەتىۋارلايدىغان كىيىم - كېچەكلەرنى تاللاپ كىيىدۇ. مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئايەملەردە كىيىدىغان كىيىمنىڭ ۋاقتى نېمىشقا ئۆتىدىكەن؟ مۇشۇنداق دەل سۆيۈنىدىغان كۈنلەردە كىيگەن نەرسىنى ئادەتتىكى كۈنلەردە كىيسە ياراشمامدىكەن. بادام دوپپا يىگىتكە سۆلەت، شاۋكەت ئېلىپ كېلىدۇ، بادام دوپپىنى مەھمۇد كاشغەرى كىيگەن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىيگەن، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانلار كىيگەن، ئاتام كىيدى، ئانام كىيدى، مەن كىيدىم، بالىلىرىممۇ تەۋەررۈك دەپ كىيىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق