باش بەت>>ئەدەبىيات
يىراق سەھرادا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-28 10:31:41

 

ئايىمنىسا سۇلايمان

 

يىراق سەھرادا خىياللىرىم بار،

مەڭگۈلۈك سەھەر مەندە يىتمىگەن.

ئۆڭگەن جىگدىزار، يىرتىلغان ئازاب،

غېرىبلىقىمنى پەپىلەپ يۈرگەن.

 

غۇۋا چۈشلەرگە سىمىلدايدۇ نۇر،

ئۆزۈمنى ئىزدەپ ماڭارمەن ھەريان.

بەك يىراقلاردا ئەپسانە ھىدى،

تونۇش بەلگىلەر تۈنەيدۇ ھامان.

 

يامغۇر ياغمايدۇ تەكلىماكاندا،

قۇمدەك توزۇيدۇ ھىجراندا ياپراق.

يۇلغۇن چېچىكى - تەنھا سېغىنىش،

چاڭقاشلار بىلەن چىرماشقان پىراق.

 

يىراق سەھرادا سۈزۈكلۈكىم بار،

ھېچكىشى ئۇنى سەزمىدى تېخى.

ئۆزۈمنى ئىزدەپ كەزسەم باياۋان،

نۇرغا ئايلىنار روھلارنىڭ تىلى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق