باش بەت>>ئەدەبىيات
ھايات ئۆتكەللىرىدە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-28 10:36:28

 

ھايات ئىكەنمىز، تۇرمۇشتا ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. ئۇنىڭ بەزىلىرى تەبىئىي ھەل بولۇپ كېتىدۇ، بەزىلىرى بىزنى بەكمۇ قىينايدۇ.

بېشىڭىزغا تۇرمۇش مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەندە، چوقۇم سالماق بولۇشىڭىز، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. تۇرمۇشىڭىزغا ئائىت بەزى مەسىلىلەردە باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ماس كەلگىنى بىلەن، سىزنىڭكىگە ماس كېلىشى ناتايىن. شۇڭا، ئۆزىڭىزدىن دائىم «مەن كىم؟ نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن؟ قىلغانلىرىم توغرىمۇ – يوق؟» دەپ سوراپ تۇرۇشىڭىز تولىمۇ مۇھىم. بۇ نۇقتىدا مۇنۇ قۇرلارغا نەزەر سېلىپ قويۇڭ:

كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزەي دېسىڭىز، ھاياتقا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ!

بەختلىك بولاي دېسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدىكى بەختنى ھېس قىلالايدىغان بولۇڭ!

دانالاردىن بولاي دېسىڭىز، ئاز گەپ قىلىڭ، كۆپ ئاڭلاڭ!

ھۆرمەت تاپاي دېسىڭىز، ئاۋۋال باشقىلارنى ھۆرمەتلەڭ!

كۆپ دوست تۇتاي دېسىڭىز، كەمتەر بولۇڭ!

بەختىڭىزنى بىلەي دېسىڭىز، قانائەتچان بولۇڭ!

لاياقەتلىك ئاتا – ئانا بولاي دېسىڭىز، ئەلۋەتتە، ئاۋۋال لاياقەتلىك بالا بولۇڭ!

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق