باش بەت>>ئەدەبىيات
يېلىنجىغان چوغ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-28 10:41:01

 

تۇرنىسا رەھىم

 

گىياھسىز روھىمنىڭ باياۋىنىغا

دولقۇنلاپ ئاققاندا بىر ئەزىم دەريا،

تۇپراقنى باغاشلاپ تۇرغان قىزىلگۈل

باھارى كەلگەندەك كۆكلەيدۇ ئاستا.

 

ئارمانلار بىخلىنار پىنھان قەلبىمدە

ھاياتلىق بېغىمنى قىلىپ گۈلىستان،

قارلىغاچ ۋىچىرلاپ سالغاندا ساما

دىلىمدىن يىراقلاپ كەتتى زىمىستان.

 

چېھرىمدىن ئەكسىنى كۆرىدۇ قۇياش

ۋۇجۇدۇم گوياكى يېلىنجىغان چوغ،

ئەقىدە دالامدا تۇرار لەپىلدەپ

سۆيگۈدىن تىكلەنگەن سەلتەنەتلىك تۇغ.

 

قامۇسلۇق ھاياتنىڭ يېڭى بېتىگە

سىزماقتا بىر رەڭدار دۇنيانى قەلەم،

ھاياجان دېڭىزى ئاقار دولقۇنلاپ

مۇھەببەت ئەۋجىگە چۆمۈلگەچ ئالەم.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق