باش بەت>>ئەدەبىيات
قىز ۋە كېلىن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-28 10:42:34

 

بىر ئايال ئۆزىنىڭ كېلىنى توغرىسىدا قوشنىسىغا رەنجىپ مۇنداق دەپتۇ: «مېنىڭ كېلىنىم بەكلا ھورۇن، كۈن چۈش بولغىچە ئۇخلايدۇ، ئۆي ئىشى بىلەنمۇ كارى يوق، بىچارە ئوغلۇم كەچكىچە ئۆيى ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپلا يۈرىدۇ».

قوشنىسى بۇ ئايالدىن ياندۇرۇپ سوراپتۇ: «قىزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىچۇ، قانداقراق؟»

__ قىزىمنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، قىزىم ئۆي ئىشلىرىنىمۇ قىلمايدۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە سىرتلارغا چىقىپ ئويناپ كېلىدۇ، بولمىسا چۈشكىچە ئۇخلايدۇ، كۈيئوغلۇم تاماقلارنى ئېتىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق