باش بەت>>ئەدەبىيات
يۈرمە ئەمدى سەرەڭگە سېتىپ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-28 10:44:19

 

ئاينۇر ئابدۇكېرىم

 

مېنىڭدە بار ئىككى ئۆچۈرگۈچ،

تاللىۋالغىن بىرىنى كېلىپ.

خالىمىساڭ ئۇنى ئەگەردە،

تارتۇق قىلاي يېڭىدىن ئېلىپ.

 

ئۆز ئۆيۈڭدەك بىلگىن ئۆيۈمنى،

تەييار ھامان ساڭا ئىللىق جاي.

دەملەپ بېرەي كىتاب كۆرگەندە

ناۋات سېلىپ قىزىققىنە چاي.

 

ئالغاچ كەلسۇن دادام بازاردىن

سىڭىپ پىشقان گىردە يا بولكا.

ئېلىپ بەرسۇن ئانام ساڭىمۇ

كېپىنەكلىك چىرايلىق سومكا.

 

نېمە دېسەڭ شۇ تەييار بولسۇن،

ماڭا ئېيتماي قالمىغىن كېتىپ.

قول تۇتۇشۇپ ئوقۇيلى بىللە،

يۈرمە ئەمدى سەرەڭگە سېتىپ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق