باش بەت>>ئەدەبىيات
ھەقىقىي مۇھەببەت يېنىڭىزدا!
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-09-22 16:41:38

 

بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ، ئەر جان - دىلى بىلەن ھېلىقى قولنى تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەرگۈسى كەلمەي يانچۇقىدىن ئىسىم كارتۇچكىسىنى چىقىرىپ، ئىككىلەنمەيلا ھېلىقى قولغا تۇتقۇزۇپتۇ.

ئاپتوبۇستىن چۈشكەن چاغدا تۇيۇقسىز بىر يۈك ئاپتومۇبىلى ئەر تەرەپكە ئۇچقاندەك كەپتۇ، ئارقىسىدىكى ئايال دەرھال ئەرنى ئىتتىرىۋىتىپتۇ، نەتىجىدە ئايال يۈك ئاپتومۇبىلىغا سوقۇلۇپ جان ئۈزۈپتۇ. ئەر ئېسىنى يىغىپ، ئايالىنىڭ قان ئىچىدە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى قۇچاقلاپتۇ، دەل شۇ چاغدا، ئۇ ئايالىنىڭ نېمىنىدۇر چىڭ سىقىمدىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپتۇ.

شۇ چاغدىلا ئۇ بايىقى يۇمران، سىلىق قولنىڭ دەل ئايالىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، چۈنكى ئايالىنىڭ سىقىمدىۋالغىنى ئېرىنىڭ ئىسىم كارتىسى ئىكەن.

ئائىلىنى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق، مۇھەببەت، ئىشەنچ دېگەنلەر ئۇنىڭ يىلتىزىدۇ، بۇلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتقۇچى مەنىۋى بايلىق. يېنىڭىزدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت، سىز ئۈچۈن بېرىلگەن قۇربانلىقلارنى ھېس قىلالىسىڭىز ھەم شۇنى قەدىرلىيەلىسىڭىز، ئاندىن ئىللىق ئائىلىڭىزنىڭ، مېھرىبان، جاپاكەش جۈپتىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتەلەيسىز.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق