باش بەت>>ئەدەبىيات
دوستلۇق ھەققىدىكى ھېكمەتلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-09-22 16:45:54

 

دوستلۇق __ ھاياتتىكى ئەڭ زۆرۈر نەرسە، ئۆمۈر راھەت - پاراغەتتە ئۆتمىسىمۇ مەيلى، ئەمما ھېچكىم ھاياتىنى دوستسىز ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە __ باشقىلار بىلەن بولغان دوستلۇقتۇر.

دۇنيادىكى ھەممە ئىززەت - ئىكراملار ياخشى دوستنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

ياخشى دوست __ تۈگىمەس خەزىنە.

بىلگىنكى، دوستلۇق سەۋەبىدىن ئادەملەر بەختىياردۇر.

دوست دەپ ئىشىنىپ يۈرگەن ئادىمىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئېغىرراق ئازاب يوق.

كىمكى نۇقسانسىز دوست ئىزدىسە، دوستسىز قالىدۇ.

ئۇرۇش باتۇرنى، جاھىل دانانى، يوقسۇزلۇق دوستنى سىنايدۇ.

ھەقىقىي دوست بەخىتسىزلىكتە سىنىلىدۇ.

دوستلار ياخشى كۈنلەردە تەكلىپ بىلەن، يامان كۈنلەردە تەكلىپسىز، ئۆزلۈكىدىن قەدەم تەشرىپ قىلىشى كېرەك.

ھەقىقىي دوست ئېيتقان ھەر ئۈگۈت، مەسەل، تېشى ئاچچىق ئېرۇر، تومۇرى ھەسەل.

دوست __ دوستقا شۇنداق ئەينەككى، سۈزۈكلۈكىدە ھېچ نەرسە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ.

دوستنىڭ مەسلىھەتى دۈشمەنلەرگە قارشى ئەڭ ياخشى قالقان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق