باش بەت>>ئەدەبىيات
تۇخۇمچى بوۋاينىڭ سەمىمىيىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-22 13:21:44

 

سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتتى، يامغۇرنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئەتراپنىڭ جىم – جىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى. بۈگۈن ئىدارىدە قىلىدىغان ئىشنىڭ تايىنى بولمىغاچقا، خىزمەتداشلىرىم بالدۇرلا ئىشتىن چۈشتى، ئىشخانىدا ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. يامغۇرغا قاراپ ئولتۇرۇپ يېقىن بىر دوستۇم بىلەن بۈگۈن چۈشتە تاماق يېيىشكە ۋەدىلىشىپ قويغىنىم ئېسىمگە كەلدى. قانداق قىلارمەن؟ ھەي، بولدىلا، بۇ يامغۇردا دېيىشكەن جايغا قانداق بارىمەن؟ بىرەر قېتىم ۋەدەمدە تۇرمىغانغا ھېچنېمە بولماس، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆيگە قايتقىنىم تۈزۈك، دەپ ئويلىدىم. بۇنداق يامغۇرلۇق كۈندە ئۆيگە بېرىپ ئورۇنۇپ يېتىپ ئارام ئالغۇم كەلدى.
   بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ ۋېلىسىپىتىمنى ئېلىش ئۈچۈن كېتىۋېتىپ، بىنانىڭ يان تەرىپىدىكى ۋېلىسىپىت قويىدىغان لاپاسنىڭ يېنىدا ئالدىغا چېلەك قويۇۋالغان بىرسىنىڭ يامغۇردىن دالدىلىنىپ ئولتۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. يېقىنلاپ بېرىپ، بۇ كىشىنىڭ بىز دائىم تۇخۇم سېتىۋالىدىغان بوۋاي ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
   ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم بوۋا، بۇنداق قاتتىق يامغۇردىمۇ كېلىپ قاپسىزغۇ؟ – دەپ ئەھۋال سورىدىم ئۇنىڭىدىن. بوۋاي سالىمىمغا جاۋاب بەرگەچ ئورنىدىن مىدىرلاپ قويدى. ئۇ بۆكىنى يالتىراق خالتا بىلەن ئورۇۋالغان بولۇپ، مۇزلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. بۇ بوۋاي بازاردىن بەش كېلومېتىر يىراقلىقتىكى كەنتتىن بولۇپ، ئۇ ئەكەلگەن يەرلىك تۇخۇملار ياخشى بولغانلىقتىن، ئىدارىدىكلەر داۋاملىق ئۇنىڭ تۇخۇملىرىنى سېتىۋالاتتۇق. لېكىن بۈگۈنكىدەك كۈندىمۇ بۇ بوۋاينىڭ يەنە تۇخۇم ئەكەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندىم ھەم بوۋايغا ئىچىم ئاغرىدى، گەرچە بۈگۈن تۇخۇم ئېلىش ئويۇم بولمىسىمۇ، ئىختىيارسىز بوۋاينىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇردۇم.
   ـ بوۋا تۇخۇمدىن 30 نى ئالاي، دىدىم – دە، چېلەكنىڭ يېنىغا قىستۇرۇلغان يالتىراق خالتىنى ئېلىپ تۇخۇم ساناشقا باشلىدىم.
   ـ بالام، تۇخۇم جىددى كېرەك بولمىسا، ساڭا كېلەر ھەپتە ئەكىلىپ بەرسەم قانداق ؟
   بوۋاينىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇخۇم ساناشتىن توختاپ بوۋايغا قارىدىم. بوۋاي بۇ ھەرىكىتىمدىن ئوڭايسىزلانغان بولسا كېرەك:
   ـ بالام، باشقىچە ئويلاپ قالما، ئۆتكەندە سىلەرنىڭ ئىدارىدىكى ھېلىقى ياش ئايال ئانىسىنىڭ ئاغرىقلىقىنى، شۇڭا يەرلىك تۇخۇم ئەكىلىپ بېرىشمنى ئېيتقان. مەن ئۇ ئايالغا بۈگۈن ئەكىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلغانىدىم. شۇڭا ھازىر شۇياقنى ساقلاۋاتىمەن. ئانىسىغا بېرىدىكەن ئەمەسمۇ، ئۇ شۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەچ بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىۋاتقانلارغا قاراپ قويدى.
   دېمەك، بوۋاي ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، يامغۇرغىمۇ قارىماي، بۇ يەردە خىزمەتدىشىمنى ساقلاۋاتتى. ئۇ خىزمەتدىشىم ئىككى كۈندىن بۇيان ئانىسىغا قاراش ئۈچۈن روخسەت سورىغانىدى. مەن بوۋايغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، تۇخۇملارنى خىزمەتدىشىمغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ قالدىم. بوۋاي پۇلنى ساناپ ئالغاندىن كېيىن، قۇرۇق چېلەكنى كۆتۈرگىنىچە دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەن شۇندىلا ئېسىمنى تاپقاندەك بولۇپ، ‹‹بوۋا، ماۋۇ كۈنلۈكنى ئېلىۋېلىڭ›› دېگىنىمچە ئۇنىڭغا قولۇمدىكى كۈنلۈكنى ئۇزاتتىم. بوۋاي ماڭا كۈلۈمسىرەپ رەھمەت ئېيتتى – دە، يولىغا راۋان بولدى. بوۋاينىڭ ئورۇق گەۋدىسى يىراقلىغانسېرى، ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئورنى بارغانسېرى زورايماقتا ئىدى.
   كۈندىلىك تۇرمۇشتا دېگەن گەپكە ئەمەل قىلمايدىغان، ئۆزى قىلغان ۋەدىنى ئۇنتۇپ سەتلىشىدىغان ئىشلار تولا ئۇچرايدىغان مۇشۇ كۈنلەردە، بوۋاينىڭ سەمىمىيلىكى مېنى بىر تەرەپتىن تەسىرلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىجىل قىلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن تۇخۇملارنى خىزمەتدىشىمغا يەتكۈزۈۋېتىپ، دوستۇمنىڭ قېشىغا يول ئالدىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن ۋەدىلەشكەن – دە.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق