باش بەت>>ئەدەبىيات
ۋاقىتنى ئالدايمەن دېمەڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-22 13:37:33

ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرىي

ۋاقىت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ھايات ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى. ھايات مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدىكى تىرىكلىك. ۋاقىت ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى. بۇ دۇنيادىن ئىز – دېرەكسىز، نام – نىشانسىز كەتكەنلەرنىڭ خاتالىقى ۋاقىتنى مەنىسىز ئىسراپ قىلغانلىقىدا. ھازىر تولا كىشىلەردە (بولۇپمۇ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىرىمىزدا) ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر. ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش باھانىسىدە قارتا، بىليارت ئويناش، مەقسەتسىز كوچا چىڭداش، بىر يەرگە يىغىلىپ قۇرۇق پاراڭنىڭ قۇلى بولۇش قاتارلىقلار بۇنىڭ ئىپادىسى.

ھەر كىمنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى ئۆزىگە تەئەللۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىش تولىمۇ يارىماسلىقتۇر. بۇنداق دېسەم، دوستۇم، ‹‹مەن تېخى ياش، چوڭ بولغۇچە چالىسىنى تولۇقلىۋالىمەن›› دېيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ بەكمۇ ھاماقەتلىك. سىز بۇنداق باھانە بىلەن ۋاقىتنى ئالدايمەن دېمەڭ. بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىكەنسىز، ھامان بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇت، سېكۇنتىڭىزنىڭ جاۋابىنى بېرىسىز. سىزنى خار ۋە ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان نامراتلىق، ئىقتىدارسىزلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە چۈشكۈنلۈكلەر دەل ھايات دەپتىرىڭىزدىكى قىممەتلىك ۋاقتىڭىزغا خىيانەت قىلغانلىقىڭىزنىڭ جازاسى بولۇپ، قاچانكى سىزدە ۋاقىت ئېڭى يېتىلگىچە ئۇنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلالمايسىز. ۋاقىت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ئازدۇر – كۆپتۇر نەپ يەتكۈزسە ئەجەب ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە ۋاقىت تېجەشنىڭ بىرنەچچە ئۇسۇلىنى سەمىڭىزگە سېلىشنى لايىق تاپتىم:

1. نىشانسىز بازار ئارىلىماي، ئېھتىياجلىق نەرسىنى دەل جايىدىنلا ئېلىپ ئىشنى پۈتتۈرۈش ۋاقىتنى تېجەشكە پايدىلىق. تەبىئىيكى، نىشانسىز بازار ئارىلاش ۋاقىتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىدۇ.

2. باشقىلارنىڭ ئورۇنلۇق – ئورۇنسىز تەلەپلىرىگە بىھۇدە ئۇرۇنماي، ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلالمايمەن دەپ چىرايلىق رەت قىلىش لازىم.

3. ئارىسالدىلىقمۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ بىر خىلى. شۇڭا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسكىن قارار چىقىرىش تولىمۇ مۇھىم.

4. باشقىلارنىڭ قۇرۇق گېپىگە سۈكۈت قىلماي، سۆزىنى بۆلۈۋېتىشمۇ ۋاقىت تېجەشتۇر.

5. خىزمەت، ئۆگىنىش، سودا ۋە تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن پىلانلىق شۇغۇللانغاندا ھەم باش قېتىنچىلىقىدىن قۇتۇلغىلى، ھەم ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ.

6. نەرسە – كېرەكلەرنى قالايمىقان قويماستىن، جايى – جايىغا قويۇشقا ئادەتلەنگەندە ۋاقىتنى تېجەپ، نەرسە – كېرەك ئىزدەش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

7. ئالدىنى ئېلىش، يەنى مۇھىتىڭىزنىڭ ھەرقانداق تەرىپىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىنى ۋاقتىدا ئوڭشاش ئارقىلىقمۇ ۋاقىتنى تېجەپ، كاشىلا چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

8. بىرەرسىنى ياكى بىرەر خەۋەر كۈتۈشكە توغرا كەلگەندە، كىتاب ئوقۇش، يان تېلېفوندا يېزىقچىلىق قىلىش ئارقىلىقمۇ ۋاقىتنى تېجىگىلى (ئېنىقى شۇ پۇرسەتتە بىلىم تولۇقلىغىلى) بولىدۇ.

9. كەلگۈسى ئۈچۈن ئوشۇقچە غەم يەپ ئۆزىمىزنى بىھۇدە ئۇپرىتىشنىڭ ئورنىغا بۈگۈننىڭ چامىمىز يېتىدىغان ئىشلىرىنى پۇختا قىلىپمۇ ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ.

ۋاقىتنى تېجەشكە سەل قاراش بىزنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرىدۇ. ھاياتلىقتا نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، پىلان توغرا، تەدبىر مۇكەممەل ھەم جانلىق بولسا، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى، ئۆمۈرنى مەنىگە ئىگە قىلغىلى، مەۋجۇدىيىتىمىزنى لايىقىدا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەتە–ئۆگۈن دەپ ئىشنى كەينىگە تارتىپ، قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىش ئەڭ زور ئالدامچىلىقتۇر. شۇڭا، تۈگىمەس باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ۋاقىتنى ئالدىمايلى! ۋاقىت ئەڭ ئادىل سودىيە، نېمە قىلغان – قىلمىغانلىقىمىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشكارىلىنىدۇ. ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا، تۇرمۇش باغچىسىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق