باش بەت>>ئەدەبىيات
پۇرسەت سىزنىڭ بايقىشىڭىزغا موھتاج
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 13:03:02

ئامېرىكىلىق يىگىت لورس ئالىي مەكتەپنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ خىزمەت ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرەر خىزمەت تاپالماپتۇ. ئۇ، ئەنە شۇنداق ئىچى سىقىلىپ يۇرگەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە، بىر دوستى ئۇنى ھاۋايغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىپتۇ، ئۇ دوستى بىلەن دېڭىز ساھىلىدا ئاپتاپقا قاقلىنپ ئولتۇرۇپ، بىر مۇنچە ساياھەتچىنىڭ يانفونىنىڭ توكى تۈگەپ قالغانلىقىدىن قاقشاۋاتقانلىقنى، يانفونغا توك قاچىلاش ئۈچۈن پىژغىرىم ئىسسىقتا ئاپتوموبىل مەيدانىغا بېرىپ-كېلىشكە مەجبۇر بولىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ، بەزى مۇھىم ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قۇيىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسدا:«ئەگەر دېڭىز ساھىلىدا تۇرۇپلا يانفونغا توك قاچىلىغىلى بولىدىغان ئەسۋابتىن بىرى بولسا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ ساياھەتچىلەرنى باش قېتىنچىلىقىدىن خالاس قىلغىلى بولمامدۇ؟»دېگەن ئوي پەيدا بوپتۇ.

ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىر بىر ئەپچىل ئامال تېپىپ چىقىپتۇ. يەنى، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك قاچىلاش ئەسۋابىدىن بىرنى تور ئارقىلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنى ساياھەت سومكىسغا ئورناتقاندىن كېيىن، دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئۇنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر سومكا زاۋۇتى بىلەن قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك قاچلاش ئەسۋابى ئورنىتىلغان ساياھەت سومكىسى ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدە توختاملىشىپ ئۇنى بازارغا ساپتۇ، يېڭى مەھسۇلات بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشغا ئېرىشىپتۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەينى چاغدا خىزمەت ئىزدەپ ئايىغىنىڭ چەمى چۈشۈپ قالاي دېگەن بۇ يىگىت ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇپ، تىجارەت دائىرىسنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، بۇ خىل يىڭى مەھسۇلاتىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقرىشقا كىرىششىپتۇ ھەمدە ئۇزاققا قالمايلا نۇرغۇن پايدا ئېلىپ مىليونېرغا ئايلىنپتۇ.

توغرا، پۇرسەت ئۇنى بايقىغانلارغا، ھەرۋاقىت تەييارلىق قىلىپ تۇرغانلارغا مەنسۇپ. ئەگەر سىزمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىشنى ئويلاپ يۇرگەن ئادەم بولسىڭىز،«ماڭا پۇرسەت كەلمىدى»، «قاچانمۇ ماڭا پۇرسەت كېلەر»دەپ قاقشاپ، خەققە ھەۋەس قىلىپ ئولتۇرغاندىن كۆرە، ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇپ، كاللىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ بېقىڭ، پۇرسەت بەلكىم جەبىر-جاپاغا تولغان ئاشۇ خىزمەت ئىزدەش سەپىرىڭىزنىڭ مەلۇم بىر نۇقتىسدا سىزنىڭ ئۇنى ئۆتكۈر كۆزلىرىڭىز بىلەن بايقىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ تۇرغان بۇلۇشى مۇمكىن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق