باش بەت>>ئەدەبىيات
ھېكمەتلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 13:06:17

 ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا،ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ. 

 ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز،ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز.

تىرىشىپ ئۆگىنىڭ بىلىملىك بۇلىسىز.تەنقىتتىن قۇرقماڭ، غەيرەتلىك بۇلىسىز.ئويلاپ سۆزلەڭ،ئىناۋەتلىك بولىسىز.بىرسىنى تاللاڭ،خاتىرجەم بولىسىز.

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز. 

 نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس،سىزمۇ نۇر چاچالايسىز. 

 ئەخمەقلەر تىنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ،دانالار روھى ئارقىلىق تىنىنى باشقۇرىدۇ.

 خوشاللىق بىر خىل پۇزۇتسىيە،بىر كىشى خوشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چۇقۇم خوشال يۈرەلەيدۇ. 

 خوشال ئۈتۈشنىڭ سىرى:ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.باشقىلارنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ. 

 بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى: ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولامىغان نەرسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ،ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كىلىدۇ.

ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ،ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش-بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. ئېزىپ قېلىش-بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر. 

 ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.

بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى-ئىلكىدە بارىنى قەدەرلەش،ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كىتىش. 

 سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز،شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىىلىپ قالىسىز.

ئاچكۆزلۈك-ئەڭ ھەقىقى نامراتلىق.قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقى بايلىق.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق