باش بەت>>ئەدەبىيات
ھېكمەتلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 13:07:43

دوستۇم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىلىم ئىگەللەپ ، ئۇزۇقلۇق يىغايلى !بولمىسا كېپىنەكتەك يازدا ئويناپ كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن، زىمىستان قىش كىرگەندە چۈمۈلىنىڭ ئىشىكىنى چىكىشكە مەجبۇر بولىمىز .

بۆرە ھەرگىز قوي بولالمايدۇ .

بۈركۈتمۇ ھامان ئۇۋىسىنى تاشلاپ ، قۇياشقا قاراپ ئۇچۇپ كېتىدۇ .

مۇھەببەت باشقىلارغا بەرسىلا ئالالايدىغان نەرسە ئەمەس . باشقىلارنى سۆيۇندۇرەلىسە ئىرىشەلەيدىغان ۋاپادارلىق سوۋغىسى.

ئوتقا سۇ سىېپىپ مەجبۇرى ئۆچۇرگەندە ، ئوچاقتىن قانچىلىك ئاچچىق ئىس چىقسا ، مەجبۇرى تىڭىلغان سۆيگۇمۇ ئادەمنىڭ يۇرەك باغرىنى خەنجەردە تىلغاندەك ئېچىشتۇرۇپ ئازاپلايدۇ.

خوشاللىقنى ئۆزىدىن ئىزدەشنى بىلمىگەن كىشى -بەخىتنىڭ ئېشىكىنى ئاچىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسۇن.

پۇشايمان-كۆزىگە ھەم سۆزىگە ئىشەنگەنلىكنىڭ نەتىجىسى .

ھەقىقى ئازاپلانغان كىشىنىڭ كۆزى ئەمەس بەلكى يۇرىكى يىغلايدۇ.

تۇرمۇش ئادەمنى بەزىدە قويدەك ياۋاش ، تۇلكىدەك ھىيلىگەر، يولۋاستەك ياۋۇز قىلىپ قويىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق