باش بەت>>ئەدەبىيات
ھېكمەتلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 13:13:08

باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە ئېھتىيات قىلىشنىمۇ بىلىڭ. خالىغانچە باشقىلارغا ئاچچىقلانماڭ، چۈنكى ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس. 

 ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالىڭىز ئازابلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۆتكەن خۇشال كۈنلىرىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئازابلار ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. 

 سىزگە قوپال مۇئامىلە قىلغان، سىزنىڭ ئادىمىيلىكىڭىزنى دەپسەندە قىلغان ھەرقانداق ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن قول ئۈزۈڭ. چۈنكى كونىلاردا «كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس» دېگەن ھېكمەت بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دەل بىر قىسىم رەزىل كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئادەملەرنىڭ مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلەيسىز. 

 سىزنى ئازابلىغان كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. چۈنكى نېمىلا بولمىسا ئۇلار سىزگە ھاياتنى ياكى مۇھەببەتنى ۋە ياكى كەسىپنىڭ مۇھىملىقىنى، قىسقىسى ئۆزىڭىزنى تونۇتقان. ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىڭ. ئۇلار سىزگە دەل ئاشۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈنلا، سىزنىڭ ھازىردا پۇت تىرەپ تۇرالىدىڭىز، ئۇلارنى كۈچەيتتى. 

 ۋاز كېچىشنى بىلىڭ. سىز ھەممە نەرسىگە ئېرىشمەن، دەپ ئويلىماڭ. چۈنكى سىزنىڭ قۇچىقىڭىزغا ئۇنچە چوڭ ئەمەس. سىز ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەن ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تولىمۇ يەڭگىل ھېس قىلىپ قالىسىز.

ئۆزىڭىزگە ھېچقانداق باھانە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى قالدۇرماڭ. چۈنكى كەچۈرگۈسىز خاتالىقلار ئالدىدا بۇنداق باھانىلەر ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ.

ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، مۇستەقىل ياشاش، ئشىلاردا مۇرەسسە قىلىشنى ئۆگىنىڭ، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماڭ. ئاساسىي پىرىنسپتا چىڭ تۇرۇڭ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق