باش بەت>>ئەدەبىيات
ھېكمەتلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 13:32:10

مۇھەببەت يەڭگىلتەكلىك بىلەن خائىنلىقنى سىغدۇرالمايدۇ. بىرلا ئادەمگە بېغىشلانغان مۇھەببەت مەڭگۈ قىممەتلىك بولىدۇ. 

 ئىشەنچ ــــ مۇھەببەتنىڭ ئۇل تېشى، تېتىتقۇسى. تۇزسىز تاماقنى يېگىلى بولمىغىنىدەك، ئىشەنچ بولمىغان مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ. 

 ئىككىلىنىش تاللاش باسقۇچىدۇر. تاللاشتىن بۇرۇن كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ. تاللىغان ئىكەنسىز، تاللىغىنىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ.

 چاكىنا كىشىلەرنىڭ چىن سۆزلىرى ــ يالغان دەپ قارىلىدۇ ، ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ يالغان سۆزلىرى ــ سىياسەت دەپ سانىلىدۇ .

ئەخمەقلىق — ئۆز ئارا دۈشمەن بولغان ئىككى كىشىنى تەڭ دوست تۇتۇش .

دۈشمەنسىز بولۇش ــ كامىللىق ئەمەس ، كامىللىق ــ ھەقلىق ئورۇندا دۈشمەنلىك بولۇش .

كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىڭنى يامان كىشىلەردىن قوغدىغاندەك ، قىممەتلىك كىتابلىرىڭنى يوچۇن كۆزلەردىن نېرى قىل .

دۈشمەننى يېڭىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال ــ ئۇنىڭغا ئىزگۈلۈك كۆرسىتىش .

نادان باي ــ ئالىملار سورۇنىدا تىلسىز ئادەم . 

 نادانلارنىڭ ئالىملاردىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىگە قارىغاندا ئالىملارنىڭ نادانلاردىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى كۆپرەك بولىدۇ .

مەستلىك ــ ئادىمىيلىكتىن چىقىپ ، ھايۋانىلىققا ئۆتۈش ھالىتىدۇر .

ئىشلەپ ھارغانلارنىڭ بىكار يۈرۈپ ھارغانلارغا قارىغاندا ھاردۇقى تېز چىقىدۇ . 

 توغرا يولدا ماڭغان كىشىنىڭ ئۇتۇق قازىنىش يولى ھەم قىسقا ھەم داغدام بولىدۇ .

سالامەتلىكىڭنى ساقلىغىڭ كەلسە، ھەر بىر ئىشىڭدە ساق بول .

كۆرۈنۈش ئۈچۈن ماڭىدىغان خوتۇنلار كۆرۈش ئۈچۈن ماڭىدىغان خوتۇنلاردىن كۆپرەك بولىدۇ .

بەزىلەر چىشى بىلەن چاينايدۇ ، بەزىلەر تىلى بىلەن چاينايدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق