باش بەت>>ئەدەبىيات
ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنىڭ ئۆزى ئابرۇي
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 13:25:06

كې جۈن

1779-يىلى گېرمانىيەلىك پەيلاسۇپ كاند- بوفىن ئىسىملىك بىر كىچىك بازارغا بىرىپ، قەدىناس دوستى ۋىليام پىتىرىسنى يوقلىماقچى بوپتۇ. كاند يولغا چىقىشتىن ئاۋال پىتىرىسقا خەت يىزىپ، ئۆزىنىڭ 3- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن بۇرۇن بېرىپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

كاند 3- ئاينىڭ 1- كۈنى بوفىن بازىرىغا بىرىپتۇ، ئەتىسى ئەتتىگەندىلا بىر ئات ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ پىتىرىسنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئاپتۇ. قەدىناس دوستىنىڭ ئۆيى كىچىك بازارغا 12 ئىنگىلىز مىلى كىلىدىغان بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىكەن. بازار بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانى ئارىلىقىدا بىر دەريا بار ئىكەن. ئات ھارۋىسى دەريا بويىغا كەلگەندە ، ئىھتىياتچان ھارۋىكەش كاندقا:

- ئەپەندىم، كەچۈرۈڭ، ئەمدى ئالدىمىزغا بىر قەدەممۇ ماڭالمايمەن، قاراڭ، كۆۋرۇك بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، بەك خەتەرلىك. – دەپتۇ.

كاند ھارۋىدىن چۈشۈپ، كۆۋرۇككە قاراپ بىقىپتۇ، كۆۋرۇكنىڭ ئوتتۇرىسى ئاللىقاچان ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ دەريا ئانچە كەڭ بولمىسىمۇ لىكىن بەك چوڭقۇر بولۇپ سۈيى نىپىز مۇز تۇتقان ئىكەن.

-يىقىن ئەتراپتا باشقا كۆۋرۈك بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ كاند جىددىيلىشىپ.

-بار ئەپەندىم، بۇ يەردىن 6 ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى يۇقىرى ئېقىندا يەنە بىر كۆۋرۈك بار. – دەپتۇ ھارۋىكەش.

كاند قويۇن سائىتىگە قاراپتۇ، سائەت ئاللىقاچان 10 بولۇپ بوپتۇ ئەمەسمۇ.

-ئەگەر بىز ئۇ كۆۋرۇكتىن ماڭساق،ئادەتتىكى سۈرئەتتە قانچە سائەتتە مەنزىلگە يىتىمىز؟

-مىنىڭچە 12 يىرىملەردە بارارمىزمىكىن.

-ئەگەر بىز ئالدىمىزدىكى مۇنۇ كۆۋرۇكتىن ئۆتسەك، ئەڭ تىز سۈرئەتتە ماڭساق قاچاندا مەنزىلگە يىتىمىز؟

-ئەڭ تىز بولغاندا 40 مېنوتتا بىرىپ بولىمىز. – دەپتۇ ھارۋىكەش.

كاند دەريا بويىدىكى دېھقاننىڭ ئەسكى ئۆيىگە كىرىپ، ئۆي ئىگىسىگە ناھايتى تەكەللۈپ بىلەن :

-بۇ ئۆيىڭىزنى قانچە پۇلغا ساتارسىزكىن؟ - دەپتۇ.

دېھقاننىڭ خوتۇنى ھەيرانى- ھەس قاپتۇ. ۋە:

- بۇ ئەسكى ئۆينى سىتىۋىلىپ نىمە قىلىسىز؟- دەپ سوراپتۇ.

-نىمە قىلىدىغانلىقىمنى سورىماڭ. ماڭا سىتىپ بىرىشنى خالامسىز ياكى خالىمامسىز؟

-ئۇنداق بولسا 200 فىرانىك بولسۇن.

كاند پۇلنى تۆلەپ بولۇپ، ئۇلارغا:

-ئەگەر سىز بۇ ئەسكى ئۆينىڭ ئۇستىنى ئىچىپ ماڭا بىر نەچچە تال چوڭ ھەم ئۇزۇن ياغاچ تىپىپ بەرسىڭىز ھەم 20 مىنوتتا كۆۋرۈكنى رىمۇنىت قىلىپ بولسىڭىز بۇ ئۆيىڭىزنى يەنە سىزگە قايتۇرۇپ بىرىمەن. – دەپتۇ.

دىھقاننىڭ خوتۇنى ئىككى ئوغلىنى چاقىرىپ كەپتۇ ۋە ئۇلارغا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كۆۋرۈكنى ئوڭشاپ بولۇشنى تاپىلاپتۇ.

ئات ھارۋىسى بۇ كۆۋرۈكتىن ساق- سالامەت ئۆتۈپتۇ ۋە يىزا يولىدا ئۇچقاندەك مىڭىپ، سائەت 10 دىن 50 مىنوت ئۆتكەندە قەدىناس دوستىنىڭ ئۆيىگە يىتپ كەپتۇ.

ئىشىك ئالدىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان پىتىرىس خۇشال ھالدا:

- قەدىرلىك دوستۇم، سىز ھەقىقەتەن ۋاقىتقا بەك رىئايە قىلىسىز جۈمۇ! – دەپتۇ.

كاند قەدىناس دوستى بىلەن بىللە تۇرغان كۈنلەردە ئۆزىنڭ ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆينى سىتىۋىلىپ ئۆستىنى ئىچىپ، ياغىچى بىلەن كۆۋرۈكنى ياساپ دەريادىن ئۆتكەنلىكىنى ھەرگىز تىلغا ئالماپتۇ.

كىيىن پىتىرىس ھېلىقى دېھقان ئايالدىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قاپتۇ ۋە دەرھال كاندقا بىر پارچە مەكتۈپ يىزىپتۇ. ئۇ خېتىدە، «دوستۇم، سىز بەك تەكەللۈپ قىلىپ كىتىپسىز، مەن يا يات ئادەم بولمىسام، قەدىناس دوسىتقىمۇ شۇنداق قىلىپ يۈرەمسىز؟ ئەمىلىيەتتە، مەن دىگەن قەدىناس دوسىتىڭىز تۇرسام، ئازراق كىچىكىپ قالسىڭىز نىمە بوپتۇ! ئەگەر بىرەر كىلىشمەسلىك يۈز بەرسە قانداق قىلاتتىڭىز؟ » - دەپ يىزىپتۇ.

ئەزەلدىن قىلچە بىخەستىلىك قىلمايدىغان ئەستايدىل كاند دوستىغا يازغان جاۋاپ خېتىدە مۇنداق دەپتۇ. «مىنىڭچە بولغاندا، مەيلى قەدىناس دوست بولسۇن ياكى ناتونۇش ئادەملەرگە بولسۇن، ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ ھۆرمەت، ئەڭ چوڭ ئابرۇي. »

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق