باش بەت>>ئەدەبىيات
ساپ قەلب
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 16:21:35

 

قولۇمنى يۇيماقچى بولۇپ، تېز تاماقخانىنىڭ ھاجەتخانىسىغا كىرسەم، كۆزۈمگە ناھايىتى كونىراپ كەتكەن، ئەمما نەپىس ياغاچ ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بىر تەشتەك گۈل چېلىقتى. ھاجەتخانىنىڭ ئىچى ناھايىتى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى. بىز تاماقنى يەپ بولۇپ ماڭماقچى بولغاندا دوستلىرىم تاماقخانا خوجايىنىغا : ھاجەتخانىغا قويۇلغان گۈلنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خوجايىن مەمنۇنلۇق بىلەن : «رەھمەت، ئۇ گۈلنىڭ ھاجەتخانىغا تىزىپ قويۇلغىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، سىلەر شۇ كىچىككىنە گۈلنىڭ مېنى قانچىلىك تازىلىق ئىشىدىن خالاس قىلغانلىقىنى بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن» دېدى.

شۇنداق، پاكىز جاينى ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ مەينەت قىلىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق بىر يەر مەينەت بولغانىكەن، ناھايىتى ئاسانلا تېخىمۇ مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. بىز مەڭگۈ پاكىز، ساپ قەلبنى ساقلايلى، ئۆزىمىزدە كىچىككىنە ناچار قىلىقلارنى بايقاپ قالساق دەرھال يوقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاك قەلبلىك كىشىلەردىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئالايلى ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتەيلى!

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق