باش بەت>>ئەدەبىيات
بىر قول سائىتى ئۈچۈن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 16:17:55

 

بىر كىشى 500 مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ ئالماس كۆزلۈك قول سائەت ياساتقۇزۇپتۇ ھەمدە قولىدىن چۈشۈرمەي تاقاپتۇ.

بىر قېتىم بۇ كىشى پويىزغا ئولتۇرۇپ باشقا جايغا بارماقچى بوپتۇ. بىراق ئۇنىڭ پېيىغا بۇلاڭچى چۈشۈپتۇ، ئەمما ئادەم كۆپ بولغاچقا قول سالالماپتۇ. پويىز ماڭماقچى بوپتۇ. بۇ كىشى سائەت تاقىۋالغان سول قولىنى دېرىزىنىڭ رامىغا قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ، دەل پويىزنىڭ سۈرئىتى بارا - بارا ئىتتىكلىشىۋاتقان پەيتتە بۇلاڭچى ئىتتىك پىچاق بىلەن ئۇ كىشىنىڭ سائەت تاقىۋالغان سول قولىنى بېغىشىدىنلا كېسىۋاپتۇ.

شۇنداق، بىر دانە قول سائىتى ئۈچۈن ئۇنچىۋالا پۇل خەجلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى ئۇ تېنىمىزنىڭ سىرتىدىكى نەرسە. مال - دۇنياغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىش ياخشى ئىش ئەمەس.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق