باش بەت>>ئەدەبىيات
تۆگە ئانا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 16:27:11

 

بىر تۆگە ئانا بوتىلاقلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار بېشىنى ساڭگىلىتىشىپ قۇرۇق توپىلارنى پۇرايتتى، قارىماققا ئۇلار بەكلا ئۇسساپ كەتكەندەك ئىدى.

بوتىلاقلار ئانىسىغا ئەگەشتى، بىراق ئانا تۆگە بولسا ھەمىشە بالىلىرى ئۈچۈن كۈن نۇرىنى توسۇپ، بالىلىرىنى سايىدا ماڭدۇراتتى. بوتىلاقلار ناھايىتى روھسىز بولۇپ، ئاپتاپ دەستىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئۇلار بىر بۇلاقنى كۆردى. بوتىلاقلار خۇشاللىقىدىن بۇلاققا قاراپ يۈگۈردى.

ئەپسۇس، بۇلاق بەك تېيىز بولغاچقا، ئېگىز جايدا تۇرغان بوتىلاقلار ھەر قانچە قىلىپمۇ سۇ ئىچەلمىدى.

مانا شۇ چاغدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى. تۆگە ئانا بالىلىرىنى نەچچە چۆرگىلىۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا ئۆزىنى بۇلاققا ئاتتى، بۇلاق سۈيى ئاخىر ئېگىزلىدى، بوتىلاقلار تاتلىق بۇلاق سۈيىنى ئىچەلىدى، ئەپسۇس، تۆگە ئانا بۇلاقتىن چىقالمىدى.

شۇنداق، بۇ تۆگە ئانا قەتئىي ئىككىنلەنمەستىن، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بالىلىرى ئۈچۈن ئاتىۋەتتى.

ئانا سۆيگۈسىنى قەدىرلەيلى! ئانا سۆيگۈسى ھاياتلىقتىكى تەبىئىي، ئەڭ ئۇلۇغ مېھىر - مۇھەببەتتۇر، ئۇ مەڭگۈ يوقاپ كەتمەيدۇ!

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق