باش بەت>>ئەدەبىيات
بولىدۇ، ئەمما...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 16:40:47

 

※ باشقىلاردىن ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ھەممە ئىشتا باشقىلارغا يۆلىنىۋالسىڭىز بولمايدۇ. ھە دېسىلا باشقىلارغا ئېغىرچىلىقىڭىزنى سېلىۋالىدىغان تىرىكتاپقا ئايلىنىپ قالسىڭىز تېخىمۇ بولمايدۇ.

※ ئۆزىڭىزنىڭ غېمىنى يېسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۆز مەنپەئىتىڭىزنى دەپ باشقىلارغا زىيان سالسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە بەختكە ئېرىشىۋالسىڭىز بولمايدۇ.

※ باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ھەۋەس قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا كۆز قىزارتىپ، ئىچى تارلىق قىلسىڭىز، ئورا كولاشقا ئۇرۇنسىڭىز بولمايدۇ.

※ باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى يۈزتۇرانە كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئالدىدا گەپ قىلماي، ئارقىدىن قالايمىقان جۆيلىسىڭىز بولمايدۇ.

※ خاتالىق سادىر قىلسىڭىز ھېچقىسى يوق، ئەمما خاتالىقىڭىزنى بوينىڭىزغا ئالماي تۇرۇۋالسىڭىز، ئۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ خاتالىق سادىر قىلسىڭىز بولمايدۇ.

※ ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەي، باشقىلارنى كۆزۈمگە قادالغان مىخ، دەپ قارىسىڭىز بولمايدۇ.

※ يۈكسەكلىككە ئىنتىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن شەخسىي مەنپەئىتىڭىزنى قوغلاشسىڭىز بولمايدۇ.

※ نام – ئابرۇيغا ئېرىشسىڭىز بولىدۇ، شۇنداقلا ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۇنى دەپ ساختىلىق ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق