باش بەت>>ئەدەبىيات
ئىنسانلاردىكى گۇناھ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 16:44:23

 

ــ ئىنسانلاردا ئۈچ تۈرلۈك گۇناھ بولىدۇ، ــ دېدى بىر دانىشمەن.

كىشىلەر شۇئان ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدى.

ــ بىرىنچى گۇناھ بىراۋنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولۇش. ئەگەر قوشنىڭىزنىڭ كالىسى ئۆلۈپ قالسا، بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ خۇشال بولۇشىڭىزغا سەۋەب بولۇپ قالمىسۇن. ئۇنىڭغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ دېمەيمەن، دېمەكچى بولغىنىم باشقىلارنىڭ ئازابى ئۈچۈن خۇشال بولماڭ. قوشنىڭىزمۇ ئادەم، ئۇنىڭ پالاكەتكە يولۇقۇشىنى ئۈمىد قىلماڭ.

كىشىلەر باشلىرىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قايىل بولۇشتى. دانىشمەن سۆزىنى داۋام قىلدى:

ــ ئىككىنچى گۇناھ ئىشەنچىنى يوقىتىش. سىزنىڭ بىرلا سېيىرىڭىز بار، يەنە كېلىپ سېيىرىڭىز قېرىپ قالغانلىقتىن، جىق سۈت ساغقىلى بولمىغان تەغدىردىمۇ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىڭىز، ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىشىڭىز كېرەك. ئۇ سېيىرىڭىز گەرچە ھەم قېرى، ھەم كېسەلچان بولسىمۇ، ھامىنى سېيىردە، بەزى كىشىلەرنىڭ ھەتتا بىرەر سېيىرسىمۇ يوق.

كىشىلەر يەنە باشلىرىنى لىڭشىتىپ، قايىللىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇ ئەسنادا بىرەيلەن ئېغىز ئېچىپ قالدى:

ــ ئەگەر مەن باشقىلارنىڭ بىرمۇ سېيىرى يوقلۇقى، مېنىڭ بولسا بىر سېيىرىمنىڭ بولغىنى ئۈچۈن خۇشال بولسام، بۇ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى ماڭا يەتمىگەنلىكى سەۋەبلىك كۆرەڭلىگەنلىك بولۇپ قالامدۇ، قانداق؟ ئەجەبا، بۇ بىراۋنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولۇشقا كىرمەمدۇ؟

كىشىلەر شۇئان جىمىپ، ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى ئويلاشقا باشلىدى.

ــ كىشىلەرنىڭ ئۈچىنچى گۇناھى دەل ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئامراقلىقىدۇر، ــ دېدى دانىشمەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق