باش بەت>>ئەدەبىيات
ئۆزىنى بەختلىك قىلىش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 16:46:46

 

ھاياتلىقنىڭ ئاساسى ئەخلاقنىڭ ئاساسى دېمەكتۇر. ئاچارچىلىق ۋە كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن قورسىقىمىز غولدۇرلاپ تۇرغاندا،كاللىمىز،دىلىمىز ھەتتا تۇيغۇمىزدا ئەخلاق توغرىسىدا ھېچنېمە بولمايدۇ.

شۇڭا، ئادەمنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتى ئۆزىنى بەختلىك قىلىش. ئۆزىنى بەختلىك قىلالايدىغان كىشى باشقىلارنىمۇ بەختلىك قىلالايدۇ؛يەنە كېلىپ ھەقىقىي بەختلىك ئادەم ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭمۇ بەختلىك بولۇشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلىدۇ. ئەكسىچە،باشقىلاردىن دائىم ئاغرىنىدىغان،باشقىلارغا زەربە بېرىدىغان،يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدىغان كىشىلەر ھەقىقىي بەختلىك كىشىلەردىن بولالمايدۇ.

چۈنكى، تۇرمۇشنىڭ ئاساسى ئەخلاقنىڭ ئاساسى دېمەكتۇر. شۇڭا،مەدەنىيەتسىز دەۋردە ئەخلاقسىزلىق دەپ قارالمىغان ئىشلار مەدەنىيەتلىك دەۋردە ئەخلاقسىز قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. بىز ھەر بىرىمىزنىڭ ۋىجدان ساداسى ھەرگىزمۇ نوقۇل كۆك ئاسمان ياڭراتقان سادا ۋە ياكى تەبىئىي يوسۇندا پەيدا بولغان ئاۋاز ئەمەس،بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئازاپ- ئوقۇبەتلىك نالىسىنىڭ،شۇنداقلا باشقىلارنى ھاقارەتلەش بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ھاقارەتلىگەنلىك جىنايىتىنىڭ ساداسىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئۆزىمىزنى بەختلىك قىلىش ئارزۇيىمىزنى باشقىلارنىڭ بەختىنى قوغلىشىش ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز،ئۆزىمىز بەختكە ئېرىشكەن چاغدا ھەرگىزمۇ باشقىلارنى بەختسىزلىككە ئۇچراتماسلىقىمىز كېرەك.

قانۇن ئېتىراپ قىلغان ئۆز بەختىمىزنى قوغلىشىش ئىستىكى— بىزنىڭ ھوقۇقىمىز.

باشقىلارنىڭ بەختىنى قوغلىشىش ئارزۇسىنى ئېتىراپ قىلىش بولسا بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق