باش بەت>>ئەدەبىيات
ئارزۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 16:46:58

 

توي قىلغىنىغا 25 يىل بولغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۆزلىرىنىڭ 60 ياشقا تولغان خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەۋاتاتتى. ئۇلار بىر كۈندە تۇغۇلغانىدى. ئۇلار تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، بىر پەرىشتە پەيدا بولدى.

_سىلەر 25 يىل ئىناق-ئىجىل ئۆتكەن ئەر-خوتۇن ئىكەنسىلەر،_دېدى پەرشتە ،_ شۇڭا، ھەر بىرىڭلارنىڭ بىردىن ئارزۇيىڭلارنى قاندۇرۇپ بېرەي.

ئايال دۇنيانى ساياھەت قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. پەرىشتە قولىنى شۇنداق يايغانىدى، ئالقىنىدا بىر پارچە بېلەت پەيدا بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئەرگە كەلگەنىدى، ئۇ سەل خىجىللىق ئىچىدە ئېغىز ئاچتى:

_ مەن ئۆزۈمدىن 30 ياش كىچىك بىر ئايالغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

پەرىشتە سېھىرلىك تايىقىنى بىرلا ئوينىتىپ، ئۇنى 90 ياشلىق بوۋايغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق