باش بەت>>ئەدەبىيات
مۇخبىر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 17:02:46

 

پولات نىياز

 

مۇخبىر دېگەن ئەل ۋەتەننىڭ كۈيچىسى،

بۇلبۇل بولۇپ سايرار ئەلنىڭ ئىشقىدا.

يۈرىكىدە كۆيگەن ئوتنىڭ بارچىسى،

گۈلخان بولار ئەل ۋەتەننىڭ يولىدا.

 

قىشنىڭ سوغۇق نەشتىرىگە ۋاي دېمەس،

يازنىڭ ئىسسىق ئوتلىرىغا دات دېمەس.

يېزا-قىشلاق، ئېتىزلاردا دېھقاننى،

بىر تۇققاندىن چارە بىلەر يات دېمەس.

 

پەرۋانىدەك كۆيەر ئەلنىڭ ئوتىدا،

ئەل مۇڭىغا مۇڭ بولىدۇ ئەگىشىپ.

گاھى يۈرسە زىيارەتتە چوققىدا،

چوپان بىلەن يايلاقلاردا سىردىشىپ.

 

يۇقىرىدىكى سىياسەتنىڭ روھىمۇ،

يەتكۈزۈلەر ئۇنىڭ بىلەن تۆۋەنگە.

تۆۋەندىكى نەتىجىلەر ھوسۇللار،

تارقىلىدۇ ئۇلار بىلەن ئالەمگە.

 

مۇخبىر دېگەن تاجىسىز شاھقا ئوخشايدۇ،

ئەينەن يازار يامانلاردىن قورقمايدۇ.

ھەق، ئادالەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ،

كۆپتۈرمەيدۇ يوق ھوسۇلنى قوشمايدۇ.

 

مۇخبىر ئەجرى مەڭگۈ پارلاپ ئۆچمەيدۇ،

ئەل قەلبىدىن ھەرگىز يىراق كۆچمەيدۇ.

مۇخبىرلارنى چۈشەنمىگەن ئەزەلدىن،

ئېسىل، خىسلەت چىن قەدىرىگە يەتمەيدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق