باش بەت>>ئەدەبىيات
ھاياتقا كۈلۈپ قاراڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-02 14:58:14

دۇنيادا ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېرىشىش، مەھرۇم بولۇش توغرىسىدىكى ئۇقۇملار ئانچە يات بولمىسا كىرەك. ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن سىناققا دۇچ كىلىدۇ. بەزىدە ئادەمگە ئامەت كۈلۈپ باقسا، بەزىدە پىشكەللىك يېپىشىدۇ. ھاياتلىقتا ئىنساننىڭ ئىرىشكىنىدىن يوقاتقىنى كۆپرەك بولىدۇ، بۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما، كىشىلەر ئارىسىدا بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بەزىلەر بۇنىڭ بىر خىل قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پىشكەللىك، مەھرۇم قىلىشلارغا ئارتۇقچە قايغۇرۇپ كەتمەي، يوقاتقانلىرىغا تەن بىرىپ ھاياتلىقنى داۋام ئېتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئېرىشكەنلىرى ئۈچۈن زىيادە خۇش بولۇپ، يوقاتقانلىرى ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىپ، ئۆزىگە قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھاياتلىقتا يوقاتقانلىرىغا قايغۇرغاندىن كۆرە، قولىدا بارىنى قەدىرلەش ھەممىدىن موھىم. بىر داڭلىق كارخانىچى بىر كۈنى دادىسى بىلەن ئالى دەرىجىلىك ئاشپۇزۇلدا تاماق يېگەچ بىر ئىسكىرىپكىچىنىڭ ئۇلارغا چېلىپ بەرگەن مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلىنىپتۇ. بۇ كارخانىچى يىقىملىق ئىسكىرىپكا مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاچ ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۈگەنگەنلىكىنى يادىغا ئىلىپ، دادىسىغا : ئەگەر مەن شۇ چاغدا ئىسكىرىپكا چىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنگەن بولسام، بەلكىم مۇشۇ جايدا ئىسكىرىپكا چالغان بولاتتىم، دەپتۇ. دادىسى ئوغلىغا : ئەگەر ئەينى چاغدا شۇنداق قىلغان بولساڭ، ھازىر بۇ جايدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ، بۇ موزىكىدىن ھوزۇر ئالالمايتتىڭ، دەپتۇ. كىشلىك تۇرمۇشتا، دائىم قولدىن كىتىپ قالغان ئاشۇ پۇرسەتلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرىمىز-يۇ، ئىرىشكەنلىرىمىزگە ئانچە ئىرەن قىلمايمىز. تېنىمىزنىڭ ساقلىقى، بەختلىك ئائىلىمىزنىڭ بارلىقى بىر ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك، گەپ بۇنى قەدىرلەشنى بىلىشتە.

ئاۋسترالىيەلىك نىك ۋىيۇجنىڭ ھېكايىسىنى كۆپىنچەيلەن بىلىدۇ. ئۇ تۇغۇلىشىدىنلا پۇت قولى يوق، پەقەت بەدىنىلا بار. ئۇ گەرچە جىسمانىي جەھەتتىن بېجىرىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قىيىنچىلىققا تەن بەرمىدى. ئۇ كىشى باشقىلارغا تايانماي، نورمال كىشىلەر قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايدۇ. ئۇ يېقىندا توي قىلدى، ئۇ ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سەييارە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى دۇنيا ياشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ ھەمدە ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ. مانا مۇشۇنىڭدەك ھەممە كىشىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەممەيلەن ھاياتىمىزنى كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانلىرىنى قەدىرلەش بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىشىمىز كېرەك.

قىسقىغىنا ھايات يولىمىزدا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولايلى، قانچىلىك مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشەيلى، ئالدى بىلەن ئۆتۈۋاتقان ھەر بىر كۈنىمىزنى قەدىرلەپ، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز، قىيىنچىلىق، مەغلوبىيەت ئالدىدا باش ئەگمەسلىكىمىز لازىم. قايغۇ ئاجىزلارنىڭ كۆز يىشىدۇر. ھاياتلىق سەپىرى گويا بىر ئەينەك، سىز ھەر كۈنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراڭ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق